ئۇيغۇرلار گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن 2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدىكى تارىخى مەيدانىدىكى براندەنبۇرگەر تور دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

ئەتىگەن سائەت 9 يېرىمدىن 12 غىچە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا ئامېرىكا كانادا، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، گېرمانىيە فرانسىيە، نورۋىگىيە، تۈركىيە، شىمالى ئامېرىكا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ 13 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇنى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر، تونۇلغان سىياسىيونلار ۋە شۇنىڭدەك گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان تۈرك ياشلىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ نامايىشچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلابىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئىتالىيە پارلامېنت ئەزاسى ماركو پەردۇكا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش سېكرىتارى مارىنو بۇسداچىن قاتارلىق كىشىلەرمۇ بار. قوللىرىدا نېمىسچە، ئېنگىلىزچە لوزۇنكىلارنى ۋە كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلار ھەممە بىردەك ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئەركىنلىك، ئۇيغۇرلارغا ئىنسان ھەقلىرى، ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە، دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

بىز بۇ نامايىشچىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن نەق مەيداندا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭلار.