20 - ئاپرىل كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا بېرلىندىكى تۈرك دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ يىغىن زالىدا باشلىغان بۇ يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
يىغىندا يەنە د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئەسقەرجان، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر سۆز قىلدى. كېيىن د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى ئالىم سېيتوف ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى سۇندى. 13 دۆلەتتىن كەلگەن ھەيئەت باشلىقلىرى سۆز قىلدى.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق فوندىنىڭ باشلىقى ئابلىمىت تۇرسۇن، تەپتىش ھەيئىتى مەسئۇلى ئۆمەرجان بومبا قاتارلىق كىشىلەر دوكلات بەردى. د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى قىسمىدا د ئۇ ق نىڭ بىر يىللىق خىزمىتى ھەققىدە دوكلاتلار بېرىلدى ۋە بۇ دوكلاتلار ھەققىدە

مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈمىدە د ئۇ ق نىڭ خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇنىڭدا ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ فوندى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدا نۇقتىلىق ھالدا قانداق قىلىپ د ئۇ ق نىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى كۆپەيتىش ھەققىدە قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە بۇ ھەقتە ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇلدى. كېيىن ئۆتكەن يىلى گوللاندىيىدە چاقىرىلغان ئىجرائىيە يىغىنىدا قۇرۇلغان ئولىمپىك 2008 بېيجىڭ كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە پىلانلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
3 - ئاپرىلدا ئىستانبۇلدا ئولىمپىك مەشئەلگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتىدا يەر ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە بۇ نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىلدى. بۇ بۆلۈمدە نۇقتىلىق ھالدا 8 - ئايدا ئولىمپىك خىتايدا باشلىنىشتىن بۇرۇن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئولىمپىككە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. كېيىن د ئۇ ق نىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ قارارلار ماقۇللاندى. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھرىدە ئاخىرلاشتى.
21 - ئاپرىل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، "ئۇنپو" يەنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان خەلقئارا قانۇندا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى رەسمىي باشلاندى. كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىمىز.