دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى تەمىنلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 1 يىللىق ھارپىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 7 ماددىدىن تەركىپ تاپقان خىزمەت بەلگىلىمىسى تۈزۈپ چىققانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش ھەيئىتى مەزكۈر بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى، د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلارنى، بارلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا قانۇن - پرىنسىپلارغا، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا شۇنىڭدەك د ئۇ ق نىڭ تەشكىلى تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.
د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 7 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئىچىدە، 2 - ۋە 7 - ماددىلىرىدا، خەلقئارا قانۇن - پرىنسىپلارغا ۋە تەشكىلى تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، 2 - ماددىدا ئەينەن مۇنداق دېيىلگەن: "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارالىق قانۇن - پرىنسىپلار ئاساسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق بىر خەلقئارالىق ئورگىنى، شۇڭا قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى قۇرۇلتاينىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرى، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى تەشكىلاتلار، قۇرۇلتاي نىزامنامىسىدە كۆرسىتىلگەن خەلقئارالىق قائىدە - پرىنسىپلارغا ۋە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنى زوراۋانلىق ۋە رادىكال ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا قۇتراتقۇچىلارنى، خەلقىمىز ئىچىدە قۇرۇلتاي نىزامنامىسىگە ۋە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىگە قارشى پىكىر توپلىغۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەك."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى نۇرمەمەت روزاخۇن ئەپەندى، 7 تۈرلۈك ماددا ئىچىدە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان 2 - ماددا ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەردى.
د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 1 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش شۇنىڭدەك نامايىش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن:
"دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاخبارات ۋە باياناتلار، دوكلاتلار شۇنىڭدەك قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشلاردا قوللىنىدىغان رەسىم، شۇئار ۋە لوزۇنكىلار قۇرۇلتاي رەئىسلىكى ۋە باش كاتىپلىقى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلماقتا، شۇڭا قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى ئورگان ۋە تەشكىلاتلار بۇ پرىنسىپقا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، خەلقئارادا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئوبرازىغا زىيان يېتىدىغان شوئارلارنى توۋلاشتىن، بۇ خىل لوزۇنكا ۋە رەسىملەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشتىن، نامايىش مەيدانلىرىدا قۇرۇلتاينىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىگە خىلاپ باياناتلارنى بېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك، ئەگەر بۇ جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، دەرھال خاتالىقنى تونۇپ، بۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلغۇچىلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، دەرھال قۇرۇلتاي رەھبەرلىك ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى لازىم."
مۇئاۋىن باش تەپتىش نۇرمەمەت روزاخۇن 7 - ماددىدا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.