د ئۇ ق ۋەكىلى دۇنيا دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى

4 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادا دۇنيا دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلدى. بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 600 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىشتىراك قىلدى.

0:00 / 0:00

ئىسلاندىيىدە يۈز بەرگەن ۋولقان پارتلاش سەۋەبىدىن ياۋرۇپانىڭ ھاۋا قاتنىشى توختاپ يولدا توسۇلۇپ قالغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىن ئاخىرلىشىپ ئالتە كۈندىن كېيىن، يەنى 21 - ئاپرىل كۈنى گېرمانىيىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادا چاقىرىلغان دۇنيا دېموكراتىك ھەرىكىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ھەققىدە بۈگۈن بىزگە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

يىغىنغا ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەرباپلىرىمۇ قاتناشقان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ يىغىن جەريانىدا يىغىن ئەھلىگە 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، ھىندونېزىيىدە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان ھەم ئۇلار بىلەن ئىش بىرلىكى توغرىسىدا كېڭەشكەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان بىر مەسىلە ھالىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، يىغىن مەزگىلىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان دېموكراتىيە كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ كۆپلىگەن ئىنسانلارنى جەلپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.