بۇ ئۇچرىشىشقا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى باشچىلىقىدا 7 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان.
ئۇلار ئالدى بىلەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسادىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان. كېيىن دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدىن كۈتكەن ئۈمىد ۋە تەلەپلىرى ھەققىدە توختالغان.

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيە پارلامېنتىدا ياپون ئۇيغۇر دوستلۇق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە دولقۇن ئەيسا ۋە ئىلھام مەخمۇتلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.