گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشلىق ۋەكىللەر روتتېردامدىكى بىر زالدا ئۇيغۇر، تۈرك، تاتار ۋە يەرلىكلەردىن بولۇپ 200 گە يېقىن ئىشتىراكچىلار تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

0:00 / 0:00

شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە باشلانغان كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىنىڭ باشلىنىش نۇتقىدىن كېيىن «ئادالەت ئۆلمەيدۇ» ناملىق قىسقا فىلىم كۆرسىتىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىرلىك تارىخىدا بولۇپ ئۆتۈلگەن مۇھىم ۋەقە-ھادىسىلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىنلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ قېتىملىق گوللاندىيە سەپىرىنىڭ سەۋەب-مەقسەتلىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان بارلىق ساھە ئەھلىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۇيغۇرلارنى پىداكارلىققا، ئىتتىپاقلىققا چاقىردى. ئۇنىڭغا ماس ھالدا تۈرك توپلىمىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە كېتىۋاتقان دىنىي، سىياسىي ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىك مەشھۇرلىرىمۇ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئالىي تىلەكلىرى ۋە سالاملىرىنى يوللاپ نۇتۇق سۆزلىدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا ئۇيغۇر، تۈرك، تاتار ۋە يەرلىكلەردىن بولۇپ 200 گە يېقىن ئىشتىراكچىلار قاتناشتى. 2012-يىلى 21-سېنتەبىر، گوللاندىيە.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا ئۇيغۇر، تۈرك، تاتار ۋە يەرلىكلەردىن بولۇپ 200 گە يېقىن ئىشتىراكچىلار قاتناشتى. 2012-يىلى 21-سېنتەبىر، گوللاندىيە. (RFA/Pidaiy)

گوللاندىيىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئۆيلىرىدە تەييارلاپ ئەكەلگەن تۈرلۈك تائاملىرى، پېچىنە-پىرەنىكلىرى ھەم ئۇيغۇر پولۇسى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلغان بولسا، پروگرامما ئاخىرىدا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئىقتىدارلىق سەنئەتكارلارنىڭ ئىجراسىدا تۈرلۈك ناخشىلار ئوقۇلۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتى نامايان قىلىندى. ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە رەسىملەرگە چۈشۈپ ۋە مۇڭدىشىپ خوشلاشتى.

3 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ مۇراسىم پائالىيىتىگە ئامېرىكا، تۈركىيە، بېلگىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە مېھمانلار قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 22-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدۇ.

رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق يېغىننىڭ گوللاندىيىدە ئېچىلىشىدىكى سەۋەب-مەقسەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.