خىتاي ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى نۆۋەتلىك خىتاي بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە «نىشانلىق ياردەم بېرىش» خىزمەت يىغىنى 30-ماي كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى نۆۋەتلىك «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى» نى 2009 يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيىسى سۈپىتىدە، يەنى 2010-يىلى مايدا ئاچقان ئىدى، بۇ قېتىمقىسى 3-نۆۋەتلىكى ھېسابلىنىدۇ.
يىغىنغا خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ باشلىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ھەمدە خىتايدىكى نىشانلىق ياردەم بېرىشكە قاتنىشىۋاتقان رايون، تارماق، ۋە ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 430 كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت يىغىنىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، دەسلەپكى يىلى خىتاينىڭ سەككىز ئۆلكە-شەھىرى ئۇيغۇر ئېلىدە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە قاتناشقان بولسا ھازىر 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ ھەر ساھەلەر بويىچە قاتنىشىش پىلانى 100% گە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەبلەغ سېلىش ۋە ياردەم بېرىش تۈرلىرى يەنە 12 ۋىلايەت ۋە ئوبلاست، 82 ناھىيە ۋە شەھەر ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 12 دىۋىزىيىسىغىچە كېڭەيگەن.
ھازىرغىچە خىتاينىڭ دۆلەتلىك 30 نەچچە مىنىستىرلىقى ۋە كومىتېتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەر ساھە بويىچە ئېچىش لايىھىلىرى، پىلانلىرىنى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى تۈزگەن. 3200 نەپەر كادىر ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى» ئېچىلغان ئىككى يىلدىن بۇيان نىشانلىق ياردەمگە قاتناشقان ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سالغان مەبلىغى 128 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى 13 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنى ئېچىشقا قاتناشقان ئۆلكىلەرنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ 4 ھەسسىسىگە يېقىنلاشقان. ياردەم بېرىش تۈرى 1627 گە يەتكەن.
يىغىندا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچاڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى» نى زور كۈچ بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەلەپ قىلىپ، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە شۇنداقلا ھازىرقى مۇھىم ۋە تەخىرسىز خىزمەت» دەپ تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن ھەر قايسى مەتبۇئاتلارغا خىتاينىڭ 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىغىنى ئاچقانلىقىغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى، كۆچمەن يۆتكەش، تالان-تاراج قىلىشنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئاتالمىش نىشانلىق ياردەم بېرىش باھانىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن ۋە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنلىرىغىمۇ ئېغىر خىلاپ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.
دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قارىتا قارشى ئىنكاسىنى ئىپادىلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا «ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ كۆرسىتىلگەن، ئەمما دىلشات رىشىت «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئوبيېكتى پەقەت خىتاي كۆچمەنلىرى، مەقسىتىنىڭ بولسا ئۇيغۇر ئېلىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەر جەھەتتىن ئىگىلەش ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى، گەرچە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيىسىگە ماس ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنى كۈندىن كۈنگە كۈچەيتكەن بولسىمۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇ سىياسەتلەرنىڭ يەرلىك ۋە كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا پايدىلىق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، خىتاي بۇ خىل سىياسەتنى داۋاملاشتۇرغاندا ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ» دېدى.