د ئۇ ق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنى تۈركىيە پارلامېنتىغا تاپشۇردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4 - قېتىملىق "ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش" يىغىنى 2009 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە جەنۋەدە ئۆتكۈزىلىدىكەن.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي قاتارلىق توپلام 16 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىكەن. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم بىر پۇرسەت ئىكەن. بۇ يىغىن ئۈچۈن ئايلاردىن بۇيان جىددى تەييارلىقلار ئېلىپ بېرىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ب د ت مۇتەخەسسىسى جوشا كوئوپېر ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلات د ئۇ ق ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكى تەرىپىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىيىشىگە سۇنۇلغان.

بۇنىڭدىن باشقا د ئۇ ق تەرىپىدىن ھۆكۈمەتلەرگە سۇنۇش ئۈچۈن بىر سوئال ماتېرىيالى ۋە بىر تەلەپ ماتېرىيالى تەييارلىنىپ چىقىلغان. بۇ ماتېرىياللار د ئۇ ق نىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، پارلامېنتلارغا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىكلىرىگە سۇنۇلماقتا.

12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى ھايرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى ئابدۇللاھ ئاقيول ۋە ئەكبەرجاندىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت، تۈركىيە پارلامېنتى، ئىسلام كونفېرانسىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىدىكى تۈركىيە ۋەكىلى ئىرفان گۇندۇز ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ يۇقىرىدىكى ماتېرىياللارنى سۇندى. ئۇ ماتېرىياللارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن ئىسلام كونفېرانسىيىسى تەشكىلاتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق ئورگانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىرفان گۇندۇز ئەپەندى بۇ ئۇيغۇر ھەيئىتىكە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى دېدى ؟ ھايرۇللاھ ئەفندىگىلچۇ؟

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.