د ئۇ ق نىڭ جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان "خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمى ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش" يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ب د ت غا تونۇتۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت باشلىغانلىقى مەلۇم ئىدى.

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ئىككى ھەپتە، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ قانچە ئونلىغان ئەلچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن د ئۇ ق ۋەكىللىرى، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن ئېتىبارەن جەنۋەدە پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.

جەنۋەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتى ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدىكەن. 26 - يانۋاردىن ھازىرغا قەدەر، ئۇلار كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىجابىي جاۋابلارغا ئېرىشكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ دولقۇن ئەيسا بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.