ئوتتۇرىغا، "دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2009 - 2010 - يىل كالېندارى" دېگەن سۆز يېزىلغان. ئەڭ تۆۋەنگە بولسا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىرىبى چۈشۈرۈلگەن.
كالېندارنىڭ ئىككىنچى بېتىگە گېرمانىيىنىڭ مۇيېنخىن شەھىرىدە چاقىرىلغان 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ رەسىمى قويۇلغان. شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىسقىچە تارىخى ئاڭلىتىلغان.
كالىندارنىڭ ھەر بېتىدە ئۇيغۇر تارىخىدا يۈزبەرگەن تارىخى ۋەقەلەرگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، تارىخى شەخىسلەرنىڭ رەسىملىرى قويۇلغان. بىرىنچى ئاي ئۈچۈن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ رەسىمى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا قاراخانىيلار دۆلىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.
كالىندارنىڭ ئىككىنچى ئاينى كۆرسەتكەن بېتىدە 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن باشقا غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ھەققىدىكى رەسىملەرگە يەر بېرىلگەن.
كالىندارنىڭ ھەر بېتىگە ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم تارىخىي قەھرىمانلارنىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇلار ھەققىدە مەلۇماتلارغا يەر بېرىلگەن. كالېنداردا يەر ئالغان مۇھىم شەخىسلەر بولسا ئىپارخان، ئاماننىساخان، ئابدۇرېشىتخان، سادىر پالۋان، مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، ئەلىشىر ناۋايى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كالىنداردا يەنە، د ۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىن چىقىشى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن ئۇچراشقانلىقى ھەققىدىكى رەسىملەرگىمۇ يەر بېرىلگەن.
كالىنداردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى بايراملىرى ۋە تارىختا بولغان مۇھىم ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسىگىمۇ يەر بېرىلگەن.
بىز بۇ كالېندار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ كالېندارنى لايىھىلەپ تەييارلىغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى باشلىقى جېلىل تۇران ئەپەندى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.