د ئۇ ق ياپونىيىدە ئاچىدىغان يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان چەت دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى قىلىپ، شۇ دۆلەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇۋېيمىن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئوخشاش خىتاينىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سېلىپ كەلگەن بىر تەشكىلاتنىڭ ياپونىيە زېمىنىدا تۇرۇپ، خىتاينى پارچىلاشقا ھەرىكەت قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپون ھۆكۈمىتىدىن بۇ يىغىنغا رۇخسەت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ ۋېمىننىڭ بەرگەن باياناتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قېتىم ياپونىيىدە ئاچماقچى بولغان يىغىنىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ياپون ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى خېلى بۇرۇنلا باشلىغانلىقى مەلۇم.

ھازىر ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ئېچىلىدىغان 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋە 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى چاقىرىقلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا توسالغۇ بولالامدۇ؟ ياپونىيىدىكى ئالاقىدار شەخس ۋە ئورۇنلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتىدۇ؟

بىز بۇلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە ياپونىيىدە ئېچىلماقچى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە شۇنداقلا 6-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن بۇ بايانات ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ خەۋەرلەردە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە يىغىن چاقىرىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىر ۋەقە بولۇشى ۋە شۇنداقلا ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن قارىغاندا، 5-ئايدا چاقىرىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ ياپونىيىنىڭ دېموكراتىيىسىنى سىنايدىغان بىر سىناققا ئايلانغانلىقىنى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭمۇ ياپونىيىنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئالاھىدە قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيىدىكى بۇ يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، بېكىتىپ رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخى يېقىندا ياپونىيىگە بېرىپ قايتىپ كەلدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ جەرياندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا قىزىقىدىغان ھەر ساھە ئەربابلار بىلەن ئۇچراشقان ۋە ياپونىيىدىكى مەتبۇئات، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان. بىز دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن ياپونىيىدىكى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق ياپونىيە زىيارىتىدە ياپونىيىدە ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئارتىۋاتقانلىقىنى، ياپونىيىدىكى ھەرقايسى ساھەدىكى سىياسىي ئەربابلارنىڭ، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قىزىقىشىنىڭ ئارتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىدە 4-ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاش ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر داۋاسىغا قىزىقىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى قاتنىشىدىكەن.