DUQ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، XUAR مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەقسۇدنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدىكى بىر - بىرىگە زىت بايانلىرى بۈگۈن يەنە تەكرارلاندى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەقسۇد مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئۈستىدە توختالغان.

0:00 / 0:00

كۈرەش مەقسۇد سۆزىدە " تېررورچى گۇرۇپپىلار ئاجىز، ئۇلار چوڭ پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلالمايدۇ" دېگەن ۋە " ئاخبارات ۋاستىلىرى تېررورچىلارنىڭ كۈچىنى كۆپتۈرۈۋەتتى،" دەپ شىكايەت قىلغان.

كۈرەش مەقسۇد بۈگۈنكى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى مۇنداق ئاشكارىلىغان: " بىز پەقەت 3 ياكى 4 لا تېررورچىلار گۇرۇپپىسىنى بىلىمىز ھەم ئۇلارنى بىخ ھالىتىدە بېسىقتۇرۇپ بولدۇق". ئۇ يەنە بۇ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاقلاپ مۇنداق دېگەن: ئولىمپىكقا ئوخشاش چوڭ بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەر قانداق بىر دۆلەت بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ."

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، كۈرەش مەقسۇتنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. دولقۇن ئەيسا، كۈرەش مەقسۇدنىڭ، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىگە قارىتىپ "تېررورچىلار ئاجىزدۇر" دېگەن سۆزلىرىنى ئۇيغۇر ياشلىرىنى تېررورلۇققا كۈشكۈرتۈش دەپ ئەيىبلىدى.

خىتايدىكى تېررورلۇق تەھدىتى يېقىندا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدا بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەتبۇئاتتا قايتا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر تېمىدۇر. بۇ ھەقتە بوشۈن تورىدا پىكىر بايان قىلغان بىر خىتاي يازغۇچىسى مۇنداق دەيدۇ: ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش بولۇۋاتقاندا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا كۈچ پەرقى ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولۇپ كەلسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجىز تەرەپنىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكى بولمىسا، ئاجىز تەرەپ تەبىئىي ھالدا تېررورلۇققا ئىلتىماس قىلىدۇ."

بۇ يازغۇچى يەنە مۇنداق دەيدۇ: "شەرقى تۈركىستانچىلارنى تېررورچىمۇ ‏ - ئەمەسمۇ دەپ سوئال قويۇشتىن ئاۋۋال، 'شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى بارمۇ ‏ - يوق، ئۆز ئىرادىسىنى ئەركىن ئىپادىلەش ئىمكانى بارمۇ ‏ - يوق'؟ دەپ سوراش كېرەك."

كۈرەش مەقسۇدنىڭ تېررورچىلار ئاجىز، پاراكەندىچىلىك سالالمايدۇ دېگەن سۆزلىرىنى تېررور مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. تۈرك مۇتەخەسسىس سەدات لاچىنەرنىڭ قارىشىچە، دۆلەتلەرنىڭ ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش يولى بىلەن ئەسكىرىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرغان ۋاقتى، ئۇ گۇرۇپپىلارنى تېررورغا يېقىنلاشتۇرغان ۋە تېررورنى كۈچلەندۈرگەن ۋاقىتتۇر.

دولقۇن ئەيسا بۈگۈنكى سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ، جەمئىيەتتە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش، كۈچ تەلەپ قىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئەمەس، پەقەت جاسارەت ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ خىل جاسارەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى خىتاي ئۆز باياناتلىرىدا ئېتىراپ قىلىپ كەلمەكتە. دولقۇن ئەيسا شۇڭا ياشلارنى تېررورلۇققا كۈشكۈرتۈشنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال خىتاي خەلقىغە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ بىخەتەرلىك كومىتېتى مەسئۇلى، ھەربىي ئەمەلدار، پولكوۋنىك Tian Yixiang مۇ مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 34 مىڭ ئەسكەر، 74 رېئاكتىپ ئايروپىلان، 48 تىك ئۇچار، 33 پاراخوت، بىر قىسىم يەردىن ھاۋاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە خېمىيىۋىي ھۇجۇملاردىن قوغدىنىش ئاپپاراتلىرىنى ئايرىغان.

مانا بۇ تەييارلىق، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەقسۇد ئاجىز دەپ تەرىپلىگەن شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن تەييارلانغانلىقى مەلۇم، چۈنكى پولكوۋنىك Tian Yixiang بۈگۈنكى سۆزىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىغا بىرىنچى دەرىجىلىك تەھدىت شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى، ئىككىنچى دەرىجىلىك تەھدىت بولسا تىبەت بۆلگۈنچىلىرى دەپ كۆرسەتكەن.