د ئۇ ق 3 ‏ - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا چەتئەللىك مېھمانلار تۈرلۈك تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 25 - ماي كۈنى ئاخىرلاشقان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى 3 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم ئەرباپلار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

قۇرۇلتاينىڭ شۇ كۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغانلار ئىچىدە يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان نۇرغۇن ساندىكى چەتئەللىك مېھمانلار بار ئىدى. تۆۋەندە بۇ مېھمانلارنىڭ قۇرۇلتايدىكى پىكىر، تەكلىپلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 21 - ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىدىكى يىغىن زالىدا باشلىنىپ، 25 ‏- ماي كۈنى ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئاخىرلاشقان 3 ‏ - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللايدىغان نۇرغۇن ساندىكى چەتئەللىك مېھمانلار سۆزگە چىققان ئىدى. سۆز قىلغانلار ئىچىدە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى ئەرباپلار بار ئىدى.

ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەرگەن. بۇ كىشىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى خەنس خوگرېفتۇر.

قۇرۇلتايدىكى سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇن - مۇددەتلىك بىر كۈرەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن خەنس خوگرېف ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت ئاپتونومىيە داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مەن ئىلگىرى تەكىتلىگەن بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مەدەنىيەت ئاپتونومىيەسى جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللاشنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم سەمىڭلارغا سالاي. بۇ روشەنكى ئۇزۇن - مۇددەتلىك بىر كۈرەش.

بۈگۈنكى بۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق كۈرىشىڭلارغا ۋە مەۋجۈت كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىڭلارغا كىشىلەرنىڭ كەڭ دائىرىلىك دىققەت نەزىرىنى قوزغاش مۇمكىن. بۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىگە جەلپ قىلىدۇ. بۇ بىزنىڭ شىنجاڭ ۋە تاشقىي دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچۇراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دىققەت نەزىرىمىزدە تۇتىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بىز بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سىلەرگە ۋەدىسى بار. ئۇ بولسىمۇ سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇش."

خەنس خوگرېف، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنى قوللاشىتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق يالغۇز ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسى بولماي، بەلكى خەلقئارا مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىدە تەڭ ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ " بىز سىلەرگە ياردەم قىلىمىز، چۈنكى بىر نەرسە ناھايىتى روشەنكى، كىشىلىك ھوقۇق يالغۇز ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پۈتۈن خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈرۈمچىدىكى كىچىك بىر تۈرمىدە دەپسەندىگە ئۇچرىسا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئالىم ۋە ئابلىكىملارنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ زىيارەت ئۆمىكى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىگە تاشلىسا، ئۇيغۇرلار ئاشكارا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنسا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى كېرەك" دېگەن.

قۇرۇلتايدا سۆزگە چىققان يەنە بىر چەتئەللىك مېھمان، ئىتالىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو پېردۇسا ئىدى. ئۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان بىر پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى": مېنىڭچە، ھازىر بىز سىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنى قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى بىر يىتەكچى قوللانمىنى تۈزۈپ چىقىشىڭلارغا ئېھتىياج. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى نۇرغۇن كىشىلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەردە ياشايسىلەر. مەن 3 ‏ - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، سىلەرنىڭ كۈرىشىڭلارنى گەۋدىلەندۈرىدىغان قانۇنى كۈچتىكى ھۆججەت تۈزۈپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن."

مەركىزى گوللاندىيىدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بۇستاچىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا سۆزگە چىققان خەلقئارا تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ خەلقئارا ئەھدىنامىلاردىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپى توغرىسىدا پىكىر بىلدۈردى. ئۇ " بۇ يېڭى دۇنيادا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دېموكراتىيە، تەرەققىيات ۋە تىنچلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى كەڭ دائىرىلىك چۈشىنىش لازىم.

بۇ كونكرېت شارائىتتىكى مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى، ئاپتونومىيىلىك ئۆز ‏ - ئۆزىنى باشقۇرۇش شەكلى، ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆز ‏ - ئۆزىگە ئىگە بولۇش، خەلقئارا دەرىجىدىكى قاتنىشىش، يەر ھوقۇقى، تەبئىي مۇھىتنى ئاسراش، روھىي ئەركىنلىك ۋە ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەش ھوقۇقى، كوللىكتىپ كىملىك، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى بولغان كىشىلىك قەدىر ‏ - قىممىتىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دېدى.

بۇستاچىن، كېيىنكى يىللاردا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا رىئايە قىلمىغانلىقىنى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۇقۇمى ئۈستىدە قايتا ئىزدىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى": كېيىنكى 20 يىلدا ب د ت تەشەببۇسىدىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە دائىر تەتقىقاتىدا جىددىي بەس ‏ - مۇنازىرىلەر بولدى. لېكىن بۇ مەسىلىدە يېڭى بىر پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. بولۇپمۇ ئىچكى جەھەتتىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە دائىر كەڭ دائىرىلىك ئاپتونومىيە ھەققىدىكى تەتقىقات يىتەرلىك بولمىدى."

خەنس خاگرېف قۇرۇلتايدىكى بايانىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولغانلىقىنى خىتايغا خەلقئارا بېسىم كۈچەيتگەنلىكنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": ئامېرىكا يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولدى. بۇ خەلقئارا بېسىمنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى قازانماقچى بولسا، دىققەت نەزىرىنى شىنجاڭدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك."