د ئۇ ق ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېلگىيىدىكى ياۋروپا بىرلىگىدە تۇرۇشلۇق ئالاقىچىسى مەمەت توختى ئەپەندى 2010 - يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقى دەم ئىلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، گوللاندىيىدە زىيارەتتە بولدى.

0:00 / 0:00

30 - ئۆكتەبىر گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى خاررى فان بوممىل ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى تەسىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۈرلۈك پىلان - لايىھىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەسلىھەتلەر بولۇندى.

Memet-toxti-duq-yawropa-wekili-gollandiye-uyghurliri-sohbette-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Pidaiy)

خاررى فان بوممىل ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشتىن ئۆز تەسىرىنى بايان قىلىپ: "مەمەت توختى ئەپەندىمنىڭ ياۋروپا بىرلىكى پارلامېنتىدا تۇرۇپ خىزمەت ئۆتەۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم. ئۇنىڭ تەكىتلىشى بىلەن گوللاندىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغاندەك بولدۇم. بۇندىن كېيىن ئەپەندىم بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشقا تىرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن،" دېدى.

Memet-toxti-ependi-we-Parlamint-ezasi-xarry-fan-bommil-ependi-sohbette-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮔﻮﺭﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ، ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺧﺎﺭﺭﻱ ﻓﺎﻥ ﺑﻮﻣﻤﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﮕﯩﻴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ. (RFA Photo / Pidaiy)

مەمەت توختى ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن تەسىراتلار بايان قىلدى. بۇ ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى غەيرەتجان روزى ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەت ۋە ئۇچۇرۇشىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.