0:00 / 0:00
بۇ نەتىجىلەر ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتىكەن. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بولغان كۈرىشىنىڭ قايسى يولدا ۋە قانداق مەزمۇندا داۋام قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر خىل پىكىر-قاراشلار شەكىللەنگەن.
مانا شۇ مەزمۇندىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە، بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسلىھەتچىسى، پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.