باياناتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 3 - ئايدا خوتەن ئاياللار نامايىشىدا 600 ئايالنى قولغا ئالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ھازىرغىچە يوشۇرۇپ كېلىشى، ئۆتكەن ئايدا، مۇختەر سېتىۋالدى ۋە ئابدۇۋەلى ئىمىن قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى، ئۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن، ئۈرۈمچىدە دىنىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قورالسىز ياشلارنى ئوققا تۇتۇپ، يەنە 5 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكى قاتارلىق ۋەقەلەر بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زوراۋانلىق يولىغا مېڭىشىغا مەجبۇرلىغان سەۋەبلەر قاتارىدا كۆرسىتىلدى.
4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن 3 كۈن بۇرۇن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت بېيجىڭدا بايانات بېرىپ، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئاجىز، تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ دېگەن ئىدى. بۇنىڭغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان ۋە بۇنى تەخىرسىز ئۇيغۇر ياشلىرىنى تېررورلۇققا كۈشكۈرتۈش دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ كۈشكۈرتۈشنىڭ ئالدى بىلەن خىتايغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى ۋە مۇنداق بايان قىلىندى: " باستۇرۇشلار داۋاملاشسا، قىرغىنچىلىق توختىمىسا، تۇتقۇن قىلىشلار ئاياغلاشمىسا، تەبىئىي ھالدا، قارشىلىقمۇ داۋاملىشىدۇ ۋە بەلكىم تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. زوراۋانلىق يولىغا مېڭىش ئۇيغۇرلار تاللىۋالغان يول ئەمەس، مەجبۇرلىنىۋاتقان يول."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد توختى ئەپەندى بۇ يىلنىڭ بېشىدا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كۈرەش شەكلى ھەققىدە توختالغان. ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈرىشى تېنچلىق يولىدۇر ؛ ئەمما بىز بۇ يولىمىزنى ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزگە تاڭالمايمىز دېگەن ئىدى. ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە يەنە، خىتايدىكى يېپىق ۋەزىيەت سەۋەبلىك، بىزنىڭ خەلقنى يېتەكلەش ۋە تەشكىللەش ئىمكانىمىز يوق. ۋەتەن ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكلىنى خىتاينىڭ خۇي - پەيلى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىمكانىيىتى بەلگىلەيدۇ دېگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتىدا مەزكۇر نۇقتا يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. شۇنداقلا, ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىنىڭ ھېچ بىرىگە خىتاينىڭ قۇلاق سالماي كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا خەلقئارا جامائەتكە مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زوراۋانلىقىغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرماسلىقى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماسلىقى، ھەتتا بەزىدە سۈكۈت قىلىشى، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قارشى تۇرۇشتا ۋاستا تاللىماسلىققا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. بىز دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاكتىپ ئارىلىشىشقا چاقىرىمىز."
باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسى سەۋەبلىك رايوندا تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇشنى كۈچەيتىش ئېھتىمالى بارلىقى بايان قىلىندى. بايانات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرگە خىتاپ قىلىپ، ئۇلارنى 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.