بۇ زىيارىتىدە يەنە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى زافەر ئۇسكۇلنىڭ مەسلىھەتچىسىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى توپلاپ تەييارلىغان دوكلاتنىمۇ بەردى.
بۇلاردىن باشقا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خىتايغا رەسمى زىيارەت ئۈچۈن بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ باش مەسلىھەتچىسىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى بەردى.
بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرىگە دېيىشىنى تەلەپ قىلغان مەسىلىلەر يېزىلغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
