رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىنىڭ 3 چوڭ شەھىرىدىكى مۇھىم پائالىيەتلىرى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىنىڭ گوتېنگەن، گېزىن ۋە نورېنبۇرك شەھەرلىرىدە ناھايىتى مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

0:00 / 0:00

ئۇ 20 - ئاپرىل كۈنىدىن 23 - ئاپرېلغىچە گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، 24 - ئاپرىل كۈنى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن گېرمانىيىنىڭ گوتېنگەن شەھرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.

24 - ئاپرىل كۈنى ئالدى بىلەن بىر گىمنازىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بەرگەن رابىيە قادىر خانىم، چۈشتىن كېيىن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان، بۇ يىغىندا مۇخبىرلار رابىيە قادىر خانىمدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت ھەققىدە بىر يۈرۈش سوئاللارنى سورىغان. شۇ كۈنى ئاخشام 7دە بولسا گوتېنگەن شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، 45 مىنۇت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان. كېيىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ زالىدا لېكسىيە بېرىلگەن. بۇ يىغىنغا گوتېنگەن شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقىمۇ قاتناشقان.

25 - ئاپرىل كۈنى گېرمانىيىنىڭ تارىخىي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان گېزىن شەھرىگە يېتىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم، گېزىن شەھرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا مۇخبىرلاردىن باشقا گېزىن شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىمۇ قاتناشقان. كېيىن يەنە گېزىن شەھرىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خانىم قىزلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا دۇكانلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئورتاقلىشىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزگەن.

بۇ دوكلات يىغىنى 400 كىشىلىك بىر زالدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، زالغا كىشىلەر سىغماي ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىغان. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى گەزىن شەھرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قىلغان. شەھەر باشلىقى مۇئاۋىنى بىر ئايال بولۇپ، ئېچىلىش نۇتقىدا رابىيە قادىر خانىمدەك بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بۇ شەھەردىكى پائالىيەتلىرىنى تاماملاپ 26 - ئاپرىل كۈنى گېرمانىيىنىڭ نورېنبۇرك شەھرىگە يېتىپ كەلگەن. بۇ شەھەر 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا گېتلېرنىڭ ئەسكەرلىرى سوتقا تارتىلغان شەھەر بولۇپ، گېرمانىيىدە ئىنسان ھەقلىرى شەھىرى دەپ تونۇلىدىكەن. بۇ شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ نامايىشتا، خىتايدەك بىر ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتتە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىز بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتلەردە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمانلىقىنى قىلىۋاتقان، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.