د ئۇ ق ھەيئىتى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي تىرول رايونىدا زىيارەتتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.01.27
2010.01.27

RFA Photo / Erkin Tarim
ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي تىرول رايونىدا 3 مىللەت بار بولۇپ، بۇ جاي دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بېرىلگەن رايونلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ رايوننى ئۆتكەن يىلى دالاي لامامۇ زىيارەت قىلغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى مەزكۇر ھەيئەتنىڭ بۇ رايونغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسەت نېمە؟ پائالىيەتلىرى قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.