د ئۇ ق مۇاۋىن باشلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ ھېيتلىق زىياپىتىگە قاتناشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ قۇربان ھېيتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 28 - نويابىر كۈنى مەككە مىنادىكى سارىيىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 500 كىشىگە زىياپەت بېرىپ، ئۇلار بىلەن ھېيتلاشقان.

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ 500 كىشى بىلەن بىر بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپOpens in new window ]

، ئۇلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي، ئىسلام كونفېرىسىيىسى باشلىقى ئەكمەلەتتىن ئىھسانئوغلۇ، ھىندونوزىيە دىنىي ئىشلىرى مىنىستىرى سۇريادھارما ئالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈركمۇ بار.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇ پادىشاھ ئابدۇللاھغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.