د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۈچۈرلارنى خەلقئارا تەتقىقات مەركەزلىرىگە يوللاش ئۈچۈن تىرىشماقتا

‏10- دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

شۇ قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزى ياۋروپادىكى 10 چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە 70 گە يېقىن فوندى جەمئىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورۇنلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولۇپمۇ، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا ماتېرىيال ھازىرلاپ يوللىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان 3 يىلدىن بۇيان، تەتقىقات مەركىزىنىڭ سېپىنى كېڭەيتىش ئاساسىدا تەرەققى قىلىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغان كەلتۈرگەن. مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى، سىياسەتچى، مۇتەخەسسىس،يازغۇچى ۋە دىنىي زاتلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ كەلمەكتە.

تەتقىقات مەركىزى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇپ قويۇلغان ۋە دۇنياغا سىر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەن مەدەنىيەت ھەمدە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قايتىدىن تەقدىم قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلغان، بۇ مەركەز يەنە دۇنيا خەلقىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانداق بىر مىللەت بولغانلىقى، قانداق ياشاۋاتقانلىقى، قاچاندىن بېرى خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلىق ماتېرىياللارنى توپلاپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان.

تەتقىقات مەركىزى يەنە، ۋەتەن ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنى ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق پەننىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كەلگۈسى تارىخنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى كۈندىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى، بولۇپمۇ شاۋگۈئەن ۋەقەسى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانىنى، ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلارغا تولۇق ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى يەنە 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقى، قانچىلىق ئۇيغۇرنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ تەتقىقات ئورۇنلىرىغا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈمىد ئاگاھى، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللارنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قامال قىلىشى ئاستىدا قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ ھەقتە توپلانغان ماتېرىيالارنى جامائەتچىلىكگە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.