تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندى د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيىدە 2012-يىلى خىتاي يىلى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.

0:00 / 0:00

بۇنىڭغا قارشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن دۇق ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلدىز ۋە تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بارسا يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيىدە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

omer-dincher-seyit-tumturk-hayrullah-efendigil-385.jpg
مائارىپ مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر سېيىت تۈمتۈرك ۋە ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل بىلەن سۆھبەتتە. 2011-يىلى دېكابىر. (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندىگە تۈركىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقرالىققا ئۆتۈش، تۈركىيىدە ئوقۇش، تۈركىيىدە تۇرۇش ئۈچۈن ئىقامەت ئېلىش، تۈركىيىگە كېلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. مائارىپ مىنىستىرى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى دېدى.