د ئۇ ق ھەيئىتىنى تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى قوبۇل قىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 4 - قېتىملىق "ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش" يىغىنى 2009 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە جەنۋەدە ئۆتكۈزىلىدىكەن.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي قاتارلىق 16 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىكەن. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ب د ت مۇتەخەسسىسى جوشا كوئوپېر ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلات د ئۇ ق قا ئەزا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكلىرى، پارلامېنتلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىكلىرىگە سۇنۇلماقتا.

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ۋە خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ، سابىق دۆلەت مىنىستىرى رىشات دوغرۇ، پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر دىنچەر ئەپەندى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى شەنول بال خانىملار بىلەن ئۇچرىشىپ يۇقىرىدىكى ماتېرىياللارنى سۇندى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى، د ئۇ ق ھەيئىتىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇلار بەرگەن دوكلاتقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى، د ئۇ ق ھەيئىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى دېدى؟ بۇ ھەقتە، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ د ئۇ ق ھەيئىتىدىكىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.