د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن كۆك بايراق ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى تۇرسۇن سۇيدۇڭلى ئەپەندى چاناققەلئە 18 - مارت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئەتىگەن چاناققەلئەگە يېتىپ بارغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى بۇ ھەيئەتنى ئالدى بىلەن چاناققەلئە شەھەر باشلىقى ئىسمائىل ياشاروغۇز ئەپەندى ھۆكۈمەت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان. كېيىن ھەيئەت شەھەر باشلىقىغا ئۆزلىرى چىقىرىۋاتقان كۆكبايراق ژۇرنىلى، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە سوۋغاتلار تەقدىم قىلغان.
كېيىن چاناققەلئە ۋالىسى ئورخان قىرلى، چاناققەلئە 18 - مارت ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. ئالى ئاقدېمىر ئەپەندىلەر قوبۇل قىلغان. بۇ رەھبەرلەر سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قىزغىن كۈتۈۋالغان بولۇپ، سېيىت ئەپەندىمۇ ئۇلارغا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئېيتىپ ئۆتكەن.
كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چوڭ زالىدا `شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى` تېمىسىدا دوكلات بەرگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ، 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈن ئاخشام قانال 17 تېلېۋىزىيىسىگە چىقىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقچى ئىكەن.
بىز چاناققەلئەدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ بىر كۈنلۈك پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.