ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بەرگەن يىڭنە سانچىش ۋەقەسى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ داۋامى دەپ كۆرسىتىپ، بۇ ۋەقەنىڭ "دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان زور جىنايى ۋەقە" ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەزكۈر ۋەقەنى پەيدا قىلىشتىكى مەقسىتى بولسا "مىللىي قارشىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىش" تىن ئىبارەتلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، "يىڭنە سانچىش" ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ قەستەن پەيدا قىلغان ئويۇنى ئىكەنلىكىنى، بۇنى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر پىلانلىغان دەپ تۆھمەت چاپلاپ، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا ھۆكۈمەتكە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەنگە قارشى كۆتۈرۈلگەن چۇقان سادالىرىنى بېسىقتۇرۇش ھىلىسى ئىشلەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارغا بۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن، يىڭنە سانچىش ۋەقەسىدە يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 531 نەپەر ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلاپ چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي، ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان، تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ،خىتاينىڭ ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغان سىياسىي ئويۇننى يەنە ئۆزى بىت - چىت قىلىپ تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى يەنە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە شاھىد بولغۇچىلارنىڭ، "يىڭنە سانچىش" ۋەقەسىنى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە باشلىتىلغان ئىرقىي ھۇجۇم ۋە ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ ئاتاپ، مەزكۇر ھەرىكەتنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى، كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە ئوخشاش ھەرىكەت بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە شاھىد بولغۇچىلاردىن - چەتئەلگە قېچىپ چىققانلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى يەكۈن چىقىرىپ، خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئېلىپ بارغان قوراللىق قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى باشقا نۇقتىغا بۇراش، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھاكىميەتكە بولغان قوللىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن سىياسىي دەسمايىگە ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، ھازىرغا قەدەر يىڭنە سانچىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر، تۇرپان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىنىمۇ، يىڭنە سانچىش ۋەقەسى كۆرۈلگەن نۇقتىلىق جايلار دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ جايلاردا ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ "يىڭنە سانچىش" ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ تۇتقۇن قىلغان ۋە ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە يىڭنە سانچىش ۋەقەسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى يەنە، خىتاينىڭ ئاتالمىش "يىڭنە سانچىش" ۋەقەسىنى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق بۇ ۋەقەنى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەپ ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىىدا ھۆكۈمەتكە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەنگە قارشى كۆتۈرۈلگەن چۇقان سادالىرىنى بېسىقتۇرۇش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇغانلىقىنى، نەتىجىدە خىتاي كۆچمەنلىرى ھۇجۇم نىشانىنى يەنە ئۇيغۇرلارغا قاراتقانلىقىنى بىلدۈردى.
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يىڭنە سانچىش ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، ئۈرۈمچىدە كوچىغا نامايىشقا چىققان خىتاي كۆچمەنلىرى ئالدىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرغا ھۇجۇم قىلىپ، 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، 14 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېغىر يارىلاندۇرغان.
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە قارىغاندا، يىڭنە سانچىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغا قەدەر 75 كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 7 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.