ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ10 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 26 - ماي كۈنى، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىدە باشلاندى. قۇرۇلتاينىڭ دەسلەپكى كۈنىدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلىرىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
رىم شەھىرىدە تۇرۇپ رادىئومىزغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 1991 - يىلى قۇرۇلغان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرغۇچى ئەزالاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ ئۆز نۆۋىتىدە، مەيلى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا بولسۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بولسۇن ۋە باشقا ياۋروپادىكى يەرلىك پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتلەردە بولسۇن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە تونۇلۇشى ئۈچۈن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەپەندى يەنە، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 10 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا، تەشكىلاتنىڭ ئىككى يىللىق خىزمەت پائالىيەتلىرى ۋە مالىيە ئىشلىرىغا ئائىت دوكلاتلىرى ئاڭلىتىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان مىللەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ چىقىپ، ئومۇمىي قۇرۇلتايدا ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە قارار ئېلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇنىڭدىن سىرت دولقۇن ئەپەندى يەنە، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا تۇرۇقلۇق، تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشمايۋاتقان، ئەزالىقتىن قالدۇرۇلۇشى زۆرۈر دەپ قارىلىۋاتقان بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرۇلتايدا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئەمەلىي ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قارارلار قوبۇل قىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتلەرگە يوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىم ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى بىلەن، خەلقئارا رادىكال پارتىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەش يىغىنىنىڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن رادىكال پارتىيىسىنىڭ كېڭەش يىغىنىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، لېكىن رابىيە خانىمنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش بولۇشى سەۋەبلىك قاتنىشالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىن جەريانىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان يېڭى خىزمەت پىلانلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشاكىلاتى بىلەن بۇ مەسىلىلەردە قانداق ھەمكارلىشىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەكلىپ - پىكىرلىرى، ھەتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ئۆزىنىڭ ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.