د ئۇ ق ۋەكىللىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشتى

1-ئاينىڭ 17-كۈنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسالاردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر بېرلىندا گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

0:00 / 0:00

د ئۇ ق ۋەكىللىرى گېرمانىيە پارلامېنتىدا 2 كۈنلۈك زىيارەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، دەسلەپكى كۈنى بولغان 17-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:30-11:30 گىچە ئالدى بىلەن بېرلىندىكى مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن. سائەت 14:00-15:00 گىچە، پارلامېنتنىڭ بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. سائەت 16:00-17:00 گىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ماركۇس لۆنىڭ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان. سائەت 18:30-19:30 گىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيىدىكى باش شتابى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.