دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا خىتاي جاسۇسلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىمۇ مۇھىم تەدبىرلەردىن بىرى سۈپىتىدە قانات يايدۇرماقتا.

0:00 / 0:00

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنە كۆپلىگەن خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ ھەرقانداق بىر شۇم پىلان ۋە قارا قوللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئالدىنى توسالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دىلشات رىشىت، ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان خىتاي جاسۇسلىرىنى مەزكۇر ۋەقەدىن ئىبرەت ئېلىشقا ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشقا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئورگانلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئالاقىدار تارماق ۋە گۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق خىتاي جاسۇسلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە. تۈنۈگۈن گېرمانىيىدە مىللىتى ئۇيغۇر بولغان يەنە بىر خىتاي جاسۇس سوتلانغاندىن كېيىن، بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە خىتاي جاسۇسلىرىنى ئاگاھلاندۇردى.

دىلشات رىشىت باياناتىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچلىنىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم گېرمانىيىدە يەنە بىر خىتاي جاسۇسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىغا ھەيران قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈگۈن خەلقئارادا بەلگىلىك يۈكسەكلىكتە تونۇلغانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە ئاساسەن قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي گەرچە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىدە، بىر قىسىم نامرات ۋە ئۆزىگە بېقىندى دۆلەتلەردە قىسمەن نەتىجىگە ئېرىشسىمۇ، ياۋروپادىكىدەك دېموكراتىك ۋە قانۇن دۆلەتلىرىدە بۇ جەھەتتە ھەر ۋاقىت مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دىلشات رىشىت باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي جاسۇسلىرىنى ۋەقەدىن ئىبرەت ئېلىشقا، يەنى قىلمىشىغا تۆۋە قىلىپ ئۆزى ۋە شېرىكلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ياكى دۆلەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشقا چاقىردى.

يۇقىرىدا گېرمانىيىدە بىر خىتاي جاسۇسنىڭ سوتلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.