د ئۇ ق خىتاينىڭ 'شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى'نى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى 21 - سېنتەبىر ئېلان قىلغان، "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى" دېگەن ماۋزۇدىكى ئاق تاشلىق كىتابىدىكى مەزمۇنلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىنى، بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدىكى نۇقسانلاردىن ئىزدىمەستىن، مەسئۇلىيەتنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئارتىپ، جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 21 - سېنتەبىر كۈنى " شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى"نى ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى،" دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان "شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى" دېگەن ماۋزۇدىكى ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى سەۋەبنى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىگە ئارتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى ھەرىكىتى "شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقى"، "مەبلەغ سېلىشقا توسالغۇ" بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 ‏ - ئىيۇلدىكى ۋەقەنى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى "تېررورچىلار كۈچلەر، بۆلگۈنچىلەر ۋە رادىكال كۈچلەر" نىڭ پىلانلىشى ھەم ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى "جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى" دەپ ئەيىبلەپ، ۋەقەنىڭ "مىللىي ۋە دىنىي سەۋەبى"گە دائىر ئامىللارنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

دىلشات رىشىت ئاق تاشلىق كىتابتا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مۇشۇنداق مەزمۇندىكى بىر كىتابنى ئېلان قىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش ياكى ئويلىنىش نىيىتى يوقلىغىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ 60 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكىدەك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كېلىپ چىققانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئاۋۋال ئۆز ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدىكى خاتا سىياسىتىدىن ئىزدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، ئەگەر خىتاينىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش نىيىتى بولسا، مەسىلىگە يالغۇز ئۆز نۇقتىئىنەزىرىنى چىقىش قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابتا 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان دائىم تەكىتلەپ كېلىۋاتقان "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى"گە دائىر تەنقىدىنى يەنە تەكرارلاپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىنىڭ "شىنجاڭ" ئىقتىسادىغا تەسىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر ئابزىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: " كونا جۇڭگودىن قېلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا ۋە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، چەتئەل مەبلىغىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىنى، شۇ جايدىكى ساياھەت ئىشلىرىنىڭ بىۋاسىتە زەربىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ زور مىقداردىكى ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا سەرپ قىلىنىپ، بايلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشى، شىنجاڭنى خەلقئاراغا تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە تاشقى سودىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. شىنجاڭنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى."

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىي قىلماسلىقىدىكى مەسئۇلىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئارتىپ قويۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ھەممىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا دۆڭگىشىنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى، رايوندىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى، مەسچىت ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان، ئېتىقات، ئۆرپ - ئادەت، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تۈرلۈك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنىمۇ ساقلاپ قېلىش ئىمتىيازىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتابتا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ 60 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زور ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى، ئەمما چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قۇتراتقۇلۇق خاراكتېردىكى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ رايوننىڭ مۇقىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

بىراق، دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا سالغان مەبلىغى ئەمەلىيەتتە خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەنپەئەتدار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئۆز يۇرتىدىمۇ چەتكە قېقىلىپ، ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق ئىچىدە تىركىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئەھۋالدا ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى،ئەگەر بۇ خىل بۇ ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلمىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرى كاپالەتلەندۈرۈلمىسە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقى تۈركىستان زېمىنىغا كۆچۈرۈش توختىتىلمىسا، خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يۇمشىمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ بەلكىم تېخىمۇ كەسكىن بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي سىياسىتى، 5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىگە چېقىلىپ، بۇ رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ بارغانچە تارىيىپ كېتىپ،' ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىقنىڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوننىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى، نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خەلقئارا تەشكىلاتلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى تەھدىتنى كۆپتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى باھانە سەۋەب قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىنىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان "شىنجاڭ ئاق تاشلىق كىتابى" ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر شارائىتتا بۇ كىتابنى ئېلان قىلىشى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.