ئامېرىكىدىكى ئۆكتىچى خىتايلار ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بەزى دىموكېراتىك زاتلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي رەھبىرى خۇ جىڭتاۋغا ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازغان.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بىرلەشمە ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شەخسلىرىدىن تاڭ بوچياۋ قاتارلىق كىشىلەر قوزغىغان.
تاڭ بوچىياۋ، خۇ جىنتاۋغا يېزىلغان ۋاڭ لېچۈئەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى ئوچۇق خەتكە ئامېرىكا ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بەزى دېموكراتىك زاتلاردىن بولۇپ ئاز دېگەندە 250 ئادەمنىڭ ئىمزا قويغانلىقى، ئىمزا قويغانلار ئىچىدە تىبەتلەر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى رەھبىرى زاتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خەت ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتىكى ئومۇمى قۇرۇلتىيى شۇنداقلا پېتىستبۇرگدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدىكى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان. تاڭ بوچياۋ ۋاڭ لېچۈئەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىشتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك بۇنىڭ نوقۇل خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەت ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى. بۇ سىياسى تۈزۈمنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى پەيدا قىلغان بىر ھادىسە. بۇ تۈزۈمدە ئۇيغۇرلار بوزەك قىلىشقا ئۇچرىدى. نەتىجىدە بۇ يۇقىرىقى يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىكى ئاساسى مەسئۇلىيەتنى نوقۇل ھالدىلا خەنزۇلارغا ئارتىپ قويۇشقا بۆلمىسا كېرەك. بۇ يەردىكى ئاساسى مەسئۇلىيەت جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدە، جوڭگۇ كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا خەنزۇلار ۋە باشقا مىللەتلەر بار. لېكىن ئاساسلىقى خەنزۇلار. شۇڭا بۇ ئىش بىزنى بىر خەنزۇ بولۇش سۈپىتىدە ناھايىتى ئازابلىدى. بىز ئىشنى ۋاڭ لېچۈئەندىن باشلىدۇق."
خىتاي كومپارتىيىسى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى لى جىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ لېچۈئەننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدىكى تەلەپ ۋە چاقىرىقلارغا قۇلاق سالمىغان ئىدى.
ۋاڭ لېچۈئەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپلا قالماي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن. لېكىن بۇ ئىككى خەلقنىڭ ۋاڭ لېچۈئەنگە قارشى تۇرىشىدىكى سەۋەبى ئوخشىمايتتى. ئۇيغۇرلار 5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەنى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىپ، خىتايلارغا يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار ئۇنىڭ 5 - ئىيۇلدىكى ۋەقەدە يېتەرلىك قاتتىق قول بولمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.
تاڭ بوچياۋ بولسا " كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش يالغۇز ئادەتتىكى ھوقۇقنى قوغداشلا بولۇپ قالسا بولمايدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۆز مىللىتىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش بولۇپلا قالماي باشقا مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە جوڭگو كومپارتىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھەر قايسى ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ كېرەك،" دەيدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋاڭ لېچۈئەن ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەرىكەتنىڭ مەقسىدى ۋاڭ لېچۈئەننى جازالاش بولسا، بۇ ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئىمزاسى يوقلۇقى، قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى زاتلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار بولسا ئۇنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى خىتاي دېموكراتىك پائالىيەتچىسى تاڭ بوچياۋ بۇ قېتىمقى ھەرىكەت خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر خىل كۈچلەرنىڭ مىللى، جۇغراپىيىلىك ۋە سىياسى جەھەتتىكى چەك چېگرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئېلىپ بارغان تۇنجى ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئىمزا قويغانلار ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىكىلەر، "شىنجاڭ"دىكى ھەربىيلەر، تەپتىشلەر ۋە نۇرغۇن خىتايلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ، "بىز ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى سېلىشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىسمىنى ئىشلەتتۇق. توپلانغان ئىمزالارنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شيا يېلياڭنىڭ ئىمزاسى بار شۇنداقلا مەملىكەت ئىچىدىكى نۇرغۇن تەپتىش خادىملىرىنىڭ يازغان خېتى بار. يەنى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئوخشىمىغان زاتلارنىڭ ئىمزاسى توپلاندى. ئۇنىڭ سىرتىدا يەنە شىنجاڭدىكى ھەربىيلەر شۇنداقلا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىمزاسى ۋە نۇرغۇن خەنزۇلارنىڭ ئىمزاسى بار" دەپ كۆرسەتتى.
تاڭ بوچياۋ بۇ خەتنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ قولىغا تېگىش تەگمەسلىكىگە بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقى، لېكىن بولمىدى، دېگەندىمۇ خۇ جىنتاۋنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ خەۋەر تاپىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ خەت خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە ھەر قايسى مەتبۇئات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغانلىقى، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانە ۋە ب د ت ئورگانلىرىغا يوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.