د ئۇ ق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېنتېرنېت ۋە تېلېفۇن لىنىيىلىرىنى ئېچىۋىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا قانداق قارايدۇ؟

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاقاپ قويۇلغان تېلىفۇن لىنىيە سېستىمىسى ۋە ئېنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ تەدرىجى ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى، ئېنتېرنېت ھەمدە تېلېفۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر ئالاقە سېستىمىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان قۇتراتقۇلۇقلار سەۋەبىدىن دەپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خەلقنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى، تېلېفۇن لىنىيىلىرىنى كېسىۋىتىش، ئېنتېرنېت تور مەيدانلىرىنى تاقاپ قويۇش چارىلىرىنى ئىشقا سالغان ئىدى.

ئەمما خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئىشقا سالغان مەزكۈر چارىلەر قىسمەن جەھەتتە ئازراق نەتىجە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، يوللۇق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىلا قورال بىلەن باستۇرۇلۇش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىنى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ رولىدىن سىرت، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر خىل يوللاردىن پايدىلىنىپ، 5 ‏- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرمىچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆز قارشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېنتېرنېت ۋە تېلېفۇن قاتارلىق ئۇچۇر ‏- ئالاقە سېستىمىسىنى قەدەم ‏- باسقۇچلۇق ھالدا ئېچىۋىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، 28 ‏- دېكابىر كۈنى بىر قىسىم تور بەتلەر ئېچىلغاندىن باشقا، قول تېلېفۇندا ئۇچۇر ئالاقىسى ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى، يەنە بىر مۈددەتتىن كېيىن ئۇزۇن يوللۇق خەلقئارا تېلېفۇنلارنىڭمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئەقەللى ھوقۇقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جامائەتنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش بەدىلىگە خىتاينىڭ ئېنتېرنېت تور بېتى ۋە تېلېفۇن لىنىيىسىنى ئېچىۋىتىش ھەققىدە بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېنتېرنېت تور مەيدانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش چارىلىرىنى، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈزىتىشكە تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماي كەلمەكتە. بۇنىڭدىن خەۋەردار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينى ئىنسانلارنى ئەقەللى ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.