د ئۇ ق ۋە خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى ئەيىبلىمەكتە

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار، بۇ يىللاردا خىتايدا سىياسىي پائالىيەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

0:00 / 0:00

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي شۇ كۈنكى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى قاتارلىق ئەڭ ئېغىر بولغان جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگە قەدەر، خىتاي 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 6 قېتىم سوت ئېچىپ، جەمئى 63 ئادەمگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 28 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 10 نەپىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان. مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى 15 نەپەر، مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى 20 نەپەر بولغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنى قامال قىلىۋالغان، ۋەتەندىن ئۇچۇر ئېلىش تەس بولۇپ كېتىۋاتقان مۇشۇنداق قىيىن شارائىت ئاستىدا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان، خىتاي تۈرمىلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي سانىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە قول قويغان دۆلەت تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا، ھېچقانداق ئادۋوكاتسىز ھالدا، ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئاقلاش پۇرسىتىمۇ بەرمەي ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالار بىلەن جازالىشىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن قاتتىق ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل قانلىق باستۇرۇشىغا نىسبەتەن، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى مۇقەددەس بىلىدىغان دۇنيا جامائەتچىلىكىنى، خىتايغا بۇ خىل قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقانىي تەلىپىنى قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق بۇ زېمىننى تىنچىتىش مەقسىتىگە ھەرگىز يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل قانلىق باستۇرۇش قىلمىشىغا نىسبەتەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بايانات بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تېزلىكتە قارار ماقۇللاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاينىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭمۇ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن " بېيجىڭ باھارى " ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى قاتتىق ئېيىبلاپ مۇنداق دېدى: "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر پەقەت ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق قانلىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ خىل قىلمىش ئاخىرقى ھېسابتا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بۇندىن كېيىنكى تېخىمۇ زور كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئوت پىلتىسى بولىدۇ خالاس."

خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۆز مۇلاھىزىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: " مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت كۈچىيىپ، ئىككى مىللەت بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىملىق سوتتا ئاشكارا ھالدىلا خىتايلارغا يان بېسىش خاھىشى ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ. 28 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ئۆچمەنلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ. ھۆكۈمەت ھازىر بۇ ئۇيغۇرلارنى '5 - ئىيۇل كۈنىدىكى' 200 دەك ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئۇرۇپ، چېقىش ئىشىغا قاتناشقان دەپ قاتتىق جازالاش ئارقىلىق، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا 7 - ئىيۇل ھەم 3 - سېنتەبىر كۈنلىرىدىكى كالتەك كۆتۈرۈپ چىققان خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ مۇشۇنداق جازالىيالامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى خاتالىقلارنى خەلققە تاڭماقچى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. مانا ھازىر ئۇلار ئېغىر پاتقاققا پېتىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئەڭ ئېغىر ھالەتكە يۈزلىنىپ، ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ."

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نى بىر تەرەپ قىلىشتا قانلىق باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىشى خەلقئارادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەشتە، خىتاينىڭ ۋەقەگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن چىقارغان ئېغىر ھۆكۈملىرىنى ئەيىبلەش تەنقىد تېمىلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا ئايلانماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.