د ئۇ ق خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى

30 - ئىيۇل، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى قارا تىزىملىك ئېلان قىلىپ، ئابدۇخېلىل مەمتىمىن، ئابدۇرىشىت ئۆمەر، روشەنگۈل تەلەت ۋە خەيرىگۈل ئۆمەر قاتارلىق 15 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەىسى رابىيە قادىر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر قارا تىزىملىكىگە ئىنكاس قايتۇردى.

0:00 / 0:00

رابىيە خانىم باياناتىدا ئالدى بىلەن، 5 ‏- ئىيۇل نامايىشىغا قاتناشقانلارنى تىنچلىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ بايراقدارلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم باياناتىدا، خىتاينىڭ 5 ‏- ئىيۇل نامايىشنى زورۋانلىق قوللىنىپ توقۇنۇشقا ئايلاندۇرغانلىقىنى، توقۇنۇشتا ئۆلگەن ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.

رابىيە خانىم سۆزىدە، خىتاي ھەقىقەتەن بىر قانۇن دۆلىتى بولسا، بۈگۈن نامايىشچىلار ئۈستىدىن ئەمەس، نامايىشنى قانلىق باستۇرغان ۋە تېچلىق نامايىشنى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەنى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن نۇر بەكرى ئۈستىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

رابىيە خانىم باياناتىدا، قارا تىزىملىكتىكى رەسىم ۋە ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن، تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى مەزكۇر ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئويۇنىنى توختىتىشقا چاقىردى.

رابىيە خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ بۇنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە بۈگۈنگە قەدەر بىرەر مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. رابىيە خانىم ھازىرقى ئەھۋالدا خىتاي تەرەپ ئېلان قىلغان ھەر قانداق مەلۇماتقا ۋە ھەر قانداق باھاغا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىكى جاۋابكار تەرەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم سۆزىدە، خىتايدا ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكىنى، شۇڭا 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي سوتىنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا جامائەتنى، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن، جۈملىدىن، ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم جىددىي ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

رابىيە خانىم سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەقىقەتەن مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى خالىسا، خىتاي ۋە ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئىككى مىللەت ئارىسىغا ئۈستى-ئۈستىلەپ ئۆچ - ئاداۋەت ئۇرۇقى چاچماسلىققا، بۇنىڭ ئۈچۈن 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنى قاتتىق جازالاش نىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

رابىيە خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ئۆزلىرىنىڭ تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايراقدارلىرىغا ئىگە چىقىشقا، يەنى 5 ‏- ئىيۇل نامايىشىغا قاتناشقانلار ئارىسىدا ئامان قالغان ۋە مۆكۈپ يۈرگەنلەر بولسا ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا،ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىشقا چاقىردى.

جۈمە كۈنى يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىلشات ھەسەنجان ئەپەندىمۇ رادىئومىزغا سۆز قىلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتىغا ياردەم قىلىشىنى ۋە ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يەتكۈزۇشىنى تەلەپ قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.