كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيىنىڭ توكيو شەھرىدىكى مۇسۇلمانلار مازىرىغا بېرىپ گېنېرال مەخمۇت مۇھىتىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قەبرىلىرى بار قەبرىستانلىقنىمۇ زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر شېھىتلىرىنىڭ روھىغا پاتىھە ئوقۇغان.
بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى باشلىقى د ئۇ ق نىڭ ياپونىيە ۋەكىلى ئىلھام ماخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
ئىلھام ماخمۇت ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى پائالىيىتىنى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان نامايىش بىلەن باشلايدىغانلىقىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە ياپونىيىدىكى مۇسۇلمان جامائىتىگىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.