د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ياپونىيىدە

د ئۇ ق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا. د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپون ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا، پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە ياپون خەلقىغە ئاڭلىتىش، شۇنداقلا ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش مەقسىدى بىلەن 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيوغا يېتىپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان شىمالىي كورىيىدە يوق بولۇپ كەتكەن ياپونلارنى ئىزدەش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ھاراكى كازاھىرو ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىز دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن كىشىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

كېيىن ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن سىھھىيو ئونو ۋە مۇنۇئو سۇزىكو ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بۇ ئۇچرىشىشلارغا كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇيغۇر دوستلىرى قاتناشقان بولۇپ، سۆھبەت يىغىنى جەريانىدا سېيىت ئەپەندىگە كۆپ سوئاللارنى سورىغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ياپونىيىگە تۇنجى قېتىم بارغانلىقىنى، بۇ زىيارىتى جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ياپونىيىنىڭ قانچىلىك مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.