د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابى بىلەن كۆرۈشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىلەر 5 - ئاينىڭ21 - كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ياپونىيە لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيىسى ئەزاسى سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

0:00 / 0:00

ئىككى تەرەپ، ياپونىيە لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيىسى مەركىزىدە ئېلىپ بارغان بىر يېرىم سائەتكە يېقىن ئۇچرىشىشتا ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن ياپونىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق ھەيئىتى بۈگۈن توكيودا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، ھەيئەتنىڭ ياپونىيە زىيارىتى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.