د ئۇ ق ياۋرۇپا بىرلىكىدىن جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالدى

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى د ئۇ ق ياۋرۇپا بىرلىكىدىن جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ خەتتە، ياۋرۇپا بىرلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىزچىل جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

0:00 / 0:00

مەزكۇر خەت مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋرۇپا كومىسىيۇنىنىڭ بۇ خېتىدە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ يەنە، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى رەسمىي رەۋىشتە ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ چىققانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، رابىيە خانىمنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتى ۋە ۋارشاۋادىكى زىيارەتلىرىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.