بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىپ، ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ب د ت گە مەخسۇس ۋاكالەتچى تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
بۇ قارار بويىچە، 2010 - يىلى 6 - ئايدا كەسي پولىئاس خانىم د ئۇ ق نىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مەخسۇس ۋەكىللىكىگە بەلگىلىنىپ نيۇيوركتا ئىش باشلىغان ئىدى. 2010 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ د ئۇ ق، كىسي پولىئاس خانىمنى نيۇيوركتىن ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىگە يۆتكەشكە قارار قىلدى.
د ئۇ ق ئىككىنچى باسقۇچتا، ياۋرۇپا پارلامېنتىدىمۇ مەخسۇس ۋەكىل تۇرغۇزۇشقا قارار قىلدى ۋە د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىنى، 2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ د ئۇ ق نىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق مەخسۇس ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى. مەمەت توختى ئەپەندىنى، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، رابىيە خانىم ۋە د ئۇ ق نىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق رەھبەرلىرى مەخسۇس ئۇزۇتۇش مۇراسىمى بىلەن ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل شەھىرىگە ئۇزۇتۇپ قويدى.
مەمەت توختى ئەپەندىنى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بريۇسسېل ئايرودرومىدا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مەمەت توختى ئەپەندى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا رەسمىي خىزمەت باشلاشتىن بۇرۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا د ئۇ ق رەھبەرلىرىمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.