خەلقئارا مەتبۇئاتلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى يىغىنىنى كەڭ خەۋەر قىلماقتا

نۆۋەتتە خەلقئارا مەتبۇئاتلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى يىغىنى ۋە ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، بۈگۈن خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيىلىك كارخانىچىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى خىروماسا يونەكۇرانىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بارماقچى بولغان ئۇچرىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ، بۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياپونىيىدە يىغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي تەرەپنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ياپونىيە بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىكنىڭ ئۆتكۈرلەشكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن. ھازىر ھەرقايسى مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنماقتا.

بۈگۈن ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن ۋال سترىت ژۇرنىلىدا «ياپون-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بۇزۇلدى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدە يىغىن ئېچىشى يېقىندىن بۇيان ئەسلىدىلا ئانچە راۋان بولماي كېلىۋاتقان ياپون-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى» دەپ بايان قىلىنغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيىدە ئۆتكەن يىلى مارتتا يەر تەۋرەش ئاپىتى ۋە يادرو ئىستانسىسى ئاپىتى يۈز بەرگەن مەزگىلدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى جىددىيلىكلەر بىر مەھەل تىنچىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى ئايلاردا ياپونىيىدىكى مىللەتچىلەر ۋە بىر قىسىم تەسىر كۈچكە ئىگە سىياسەتچىلەرنىڭ توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكو ئارىلىنى سېتىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە شۇنداقلا مايور تاكاشى كاۋامۇرانىڭ ياپونىيە 1930-يىللاردا خىتايدا قىرغىنچىلىق قىلدى، دېگەن كۆز قاراشنى ئىنكار قىلىشى بىلەن، بۇ جىددىيلىك قايتا كۈچىيىشكە باشلىغان بىر مەزگىلدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە يىغىن ئېچىشى بۇ جىددىيلىكنى يەنىمۇ بىر بالداق كۈچلەندۈرۈۋەتكەن.

ماقالىدە، خىتاينىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «خىتاينى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان تېررور تەشكىلاتى» دەيدىغانلىقى، ئەمما ياپونىيىنىڭ ئۇلارنى ئاممىۋى تەشكىلات دەپ قاراپ، د ئۇ ق ئەزالىرىغا ۋىزا بەرگەنلىكى، يەنى ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ تەشكىلاتقا بولغان كۆز قاراش مەسىلىسىدىكى پەرقىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زىددىيەتكە سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە، «خىتاينىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە يىغىن ئېچىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىدىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ياپون-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلەشكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى» دەپ بايان قىلىنغان.

ب ب س دا ئېلان قىلىنغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياپون ‏-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ياپون باش ۋەزىر ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشقا دائىر ئاشكارىلانغان بەزى ئۇچۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولغان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپون كارخانىچىلار بىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشنى بىكار قىلغانلىق خەۋىرى دۈشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە كەلدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ ياپونىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆچ ئالغانلىقىمۇ ياكى سىنكاكو ئارال مەسىلىدىكى تالاش-تارتىشتىن ئۆچ ئېلىشىمۇ دەيدىغان سوئال پەيدا بولدى. ئۇچرىشىشتىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ياپون باش ۋەزىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سەنكاكۇ مەسىلىسىدىن بەك، ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ۋىزا بەرگەنلىكىنى كۆپرەك تىلغا ئالغان. يېرىم سائەتلىك ئۇچرىشىش ئاساسەن مۇشۇ تېما ئۈستىدە بولغان. ئۇچۇرلاردا ۋېن جياباۋ ياپون باش ۋەزىرىگە ‹ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرى جۇڭگونىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلىرى› ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيىدىن بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.»

ب ب س خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە يىغىن ئېچىشىغا ئالاھىدە قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خەۋەردە «ياپونىيە گەرچە خىتاينىڭ نارازى بولىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە قاتتىق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغان ئىدى» دېيىلگەن.

خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى بۇ چوڭ داۋالغۇش ھەرقايسى خەلقئارا چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن سىرت يەنە، تەيۋەن، مالايشىيا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالماقتا. يۇقىرىدىكى خەۋەرلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبىدىن ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قاتتىق جىددىيلەشكەنلىكى بايان قىلىنغاندىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىغا-ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەش، دەپ باھا بېرىلگەن.