دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ياپونىيىدە ئېچىلىپ، رەھبەرلىك قاتلىمىدا بىر قۇر رەتلىنىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىنكى يېڭى ۋەزىپە ۋە خىزمەتلەرگە تەيىن قىلىنغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بېكىتىپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان ئىجرائىيە كومىتېتى پەۋقۇلئاددە يىغىنى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە گوللاندىيىنىڭ پايتەختى ئامىستېردام شەھىرىدە ئېچىلىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك يېغىننىڭ مەقسەت-غايىلىرى ۋە كۈن-تەرتىپلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى پەرھات قادىر ئەپەندىمۇ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېگىلىشىمىزچە، مەزكۇر يېغىنغا د ئۇ ق رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كىشىلەرلا قاتنىشىدىكەن. ئۈچ كۈنلۈك بۇ يىغىن ئارىسىدا گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىمۇ بولىدىكەن.