د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

0:00 / 0:00

3 كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، قەھرىمان غوجامبەردى، ئەسقەر جان، سەمەت ئابلا، باش تەپتىش نۇرمەمەت مۇساباي، باش كاتىپ دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن تەپتىش نۇرمەمەت روزاخۇن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خانىم-قىزلار كومىتېتى مۇدىرى ئايگۈل ئوسمان، تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئۈمىد خەمىت، دىنى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ئەنۋەر جان قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.

duq-daimi-komititi-yighini-munxinde2-385.jpg
د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 14-يانۋار، گېرمانىيە. (RFA/Erkim Tarim)

د ئۇ ق نىڭ مەركىزىدىكى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، د ئۇ ق نىڭ خىزمەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا چاقىرىلماقچى بولۇۋاتقان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار، ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بىز يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.