ئەدەپ - ئەخلاقلىق ئادەملەر ھەمىشە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىدۇ، گۈزەل ، چىرايلىق سۆز - ھەرىكەتلەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، گۈزەل خۇي - پەزىلەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ، ياخشى پەزىلەتلىك كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىدۇ، گۈزەللىكنى سۆيىدۇ، كۈندىلىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، سۆز - مۇئامىلە، سۆز - ھەرىكىتىدە گۈزەل ئەخلاق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكەرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلكەرىم ھاجىم گۈزەل ئەخلاقنىڭ ھاياتتىكى ئەھمىيىتى ۋە رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ئىنسان روھى دۇنياسىنى گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق بىلەن زىننەتلىگەندىلا جەمئىيەتتە ئىش - ھەرىكىتى گۈزەل، سۆز - ئىپادىسى گۈزەل، مۇھىتى گۈزەل بولالايدۇ. ئىپپەت - ھايالىق، گۈزەل غايىلىك، قايتماس ئىرادىلىك، چىدام - غەيرەتلىك، سەبىر - تاقەتلىك، تىرىشچان، سەمىمىي - ساداقەتلىك، كەمتەر، ئىشچان، ئەپۇچان، مۇلايىم، ئېغىر - بېسىق، روھىي دۇنياسى مۇكەممەل ئادەم بولالايدۇ. ئەكسىچە، ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قارالسا گۈزەللىك سەتلىككە، ياخشىلىق يامانلىققا ئايلىنىپ ئۆزگىرىدۇ. ئەخلاقسىز ئادەم يامان ئىش، يامان خۇي، يامان ئىللەتنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. مۇنداقلا ئىش - ھەرىكىتى ئەسكى، سۆزلىرى قوپال، بىھايا، پەسكەش، نومۇسسىز، ۋىجدانسىز، رەھىمسىز، ساختىپەز، ۋاپاسىز، يالغانچى، ئالدامچى، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، مەنمەنچى، چېقىمچى، بېخىل، جېدەلخور .... قاتارلىق يامان يوللارغا كىرىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى بارچە دىنلار ئەڭ ئاۋۋال كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىنىشكە چاقىرىپ كەلگەن. مۇسۇلمانلاردا بولسا، گۈزەل ئەخلاق ئىبادەتتىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" مۇسۇلمان ئادەم گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇغان ۋە كۈندۈزى روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ دەستۇرى قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان ئىلاھىي مەشئەلدۇر."
ئەخلاقنىڭ ئاجىزلىقى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ
ئابدۇلكەرىم ھاجىم ئەخلاقنىڭ ئاجىزلىقى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: " مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى "مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى"ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئىمان كىشىنى پەسلىكتىن ساقلىغۇچى ۋە ئۇلۇغلۇققا قوزغاتقۇچى كۈچتۇر. ئۆزلىرىنى دىندارلاردىن سانايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بەزى ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاپ قويغىنى بىلەن تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىلغان ئىبادەتلىرىدىن پايدا ئالالمايدۇ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:" يا رەسۇلەللاھ! بىر ئايال بار، ئۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىدۇ. لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئەزىيەت بېرىدىكەن"دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:" ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ" دېگەن. ئۇ ئادەم يەنە:" يەنە بىر ئايال بار، ناماز ، روزىسى ئاز، سەدىقىنىمۇ ئاز بېرىدىكەن. قوشنىسىغا ئەزىيەت بەرمەيدىكەن" دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :" ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ" دېگەن. بۇ جاۋابتا ئېسىل ئەخلاقنىڭ قىممىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە:" گۈزەل ئەخلاق خۇددى سۇ قىرونى ئېرىتكەندەك خاتالىقلارنى ئېرىتىدۇ. ناچار ئەخلاق سىركە ھەسەلنى بۇزغاندەك ھەممىنى بۇزىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن."
دېمەك، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا رەزىللىك چوڭقۇرلاشقانسېرى، يامانلىقى كۆپەيگەنسېرى خۇددى ئادەم كىيىمىدىن ئايرىلغاندەكلا دىن - دىيانەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، ئەخلاق ھەر قانداق ئادەمنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل.