ھېنرىي شاجەفىسكى : "خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا راست ۋە ئەجەللىك ئوق ئىشلەتكەن"

ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئېلان قىلغان ""5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدىكى دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر نامايىشنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى يوشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ بىر يىللىقىغا ئاز قالغان پەيتلەردە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئىسمى " دەردىمىزنى ئاڭلايدىغان ئادەم بارمۇ؟ 2009 - يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن سادالار" دەپ قويۇلغان. دوكلات 1 - ئىيۇل ئېلان قىلىندى.

دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدا چاقىرىلغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا سۆز قىلغان، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىي شاجەفىسكى، دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئالدى بىلەن نامايىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك زوراۋانلىق شەكلىدە ئەمەس، تىنچ يوسۇندا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنىڭ تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلدى. ئۇلار يەنە، خەلق مەيدانىغا يىغىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى قايغۇ - ئەلەملىرىنى ئېتىراپ قىلمىدى."

ھېنرىي شاجەفىسكى يەنە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: " ئۈچىنچىدىن بىز شۇنى بايقىدۇقكى، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا راست ۋە ئەجەللىك ئوق ئىشلەتكەن. دوكلاتنىڭ 6 - ئىيۇلغا قارىتىلغان قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ 6 - ۋە 7 - ئىيۇلدىكى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنى كەم خەۋەر قىلغانلىقىنى بايقىدۇق."

دوكلات ئېلان قىلىش يىغىندا يەنە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەتقىقاتچىسى ئەيمي رېگېرمۇ سۆز قىلدى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھۇجۇم ۋە زوراۋانلىقلارنى ئاساسەن خەۋەر قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: " بىزگە كۆپلىگەن ئادەملەر باشقا پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇرغانلىقى ۋە ئۆلتۈرگەنلىكىگە ئائىت خىلى كۆپ ئىسپاتلارنى سۆزلەپ بەردى. بۇ دوكلاتتا بېرىلگەن دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ كۆپىنچىسىنى شىنجاڭدىن چەتئەللەرگە چىقالىغان ئۇيغۇر ياشلار سۆزلەپ بەرگەن. " رېگېر خېنىم يەنە، بۇ ياشلارنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ دوستلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قىيىن - قىستاققا ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە قىيناشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا " ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ ئىككى شاھىتىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ۋەقەنىڭ باستۇرۇلۇش جەريانى ۋە 7 - ئىيۇلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ دوكلاتنىڭ مەزمۇنلىرىغا تېخىمۇ تەسىرلىك تۈس قوشتى.

گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئالىمادىس خەۋپ يېتىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى يوشۇرۇن تۇتتى.

بۇ گۇۋاھچى ئۈرۈمچىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەش جەريانىدا كۆز يېشىنى تۇتالمىدى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قىسىم يىغىن ئەھلىنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئەگىدى. يەنە بىر گۇۋاھچىمۇ 5 - ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە توختالدى.

رېگېر خېنىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى ئەھۋاللاردا كىشىلەر ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بېرىشنى خالىمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: " بىز بىلەن سۆزلەشكەنلەر ئۆزى دېگەن گەپلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن بەك قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بىز خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى جازالاۋاتقان ۋە پاراكەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدۇق."

يىغىن ئىككى بۆلەككە بولۇپ ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان يۇمىلاق ئىستەل سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىممۇ سۆز قىلدى. ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "ئۆتكەن يىلى بىز تۈركىيە ۋە ھىندونېزىيىلەردىن بەزى سادالارنى ئاڭلىدۇق. مەنچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن باشقا ئەللەرنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشى ئىنتايىن پايدىلىق."

رىچاردسون خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنى قانچىكى كۆپ ئاڭلاتسا، شۇنچە پايدىلىق ئىكەنلىكنى ئىلگىرى سۈردى. سوفىي رىچاردسون خانىم سۆزىدە يەنە، ئوباما ھۆكۈمىتىنى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكە دەۋەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: " مەن، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بوش ھۆكۈمىتىنىڭ چارە - تەدبىر دەستۇرىدىن بىر ۋاراق ئارىيەت ئېلىپ، رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈششىىنى ئۈمىد قىلىمەن." يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. دوكلاتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئوقۇپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ مەزكۇر بۆلىكىدە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ پرېزىدېنتى كارل گېرشمان ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

جۈمە: "سىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز."

كارل گېرشمان: "شۇنداق. جەزمەن داۋاملاشتۇرىمىز."

جۈمە: "سىز يەنە، مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتىگە بېرىلىدىغان پۇلىنى كۆپەيتىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز."

كارل گېرشمان: " ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىزگە مەبلەغ بەرسە، ئەلۋەتتە بىز بۇنى دۆلەت مەجلىسى خالىغان تەرەپلەرگە ئىشلىتىمىز. بىز كۆپرەك مەبلەغ ئالالىساق، ئەلۋەتتە كۆپرەك ياردەم قىلالايمىز." كارل گېرشمان يەنە، مەزكۇر يىغىننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى رەۋىشتە ئاڭلىتىش ئۇچۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "بۇنداق يىغىنلار بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ غەربىدىكى يەنى شىنجاڭدىكى دوستلىرىمىزغا ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە. بىز يىغىن ئارقىلىق يەنە، ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا ئۇ يەردە نېمە بولغانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم بارلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ يىغىندا بىز ئەڭ تەكىتلەيدىغان بىر تەرەپ بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبرەت."

يىغىندا مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتچىسى درۇ گلادنېي قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرمۇ سۆز قىلدى.

درۇ گلادنېي كالىفورنىيىگە جايلاشقان پونوما ئىنستىتۇتى تىنچ ئوكيان ۋادىسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنتى. ئۇ ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ قېتىم ماقالە يازغان ۋە لېكسىيىلەرنى سۆزلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.