ئەكرەم مۇمىنوف : قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ روھى ئوزۇقى يەنىلا ۋەتەندىن كېلىدۇ
2012.11.28
ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر خەلق سەنئەتكارى ئەكرەم مۇمىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئانا ۋەتەن مېھرىسىز، ئانا ۋەتەن مۇھەببىتىسىز ۋە ئانا ۋەتەن روھى ئوزۇقىسىز ياشىيالماسلىقى مۇمكىن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى ۋە ئەۋلادلارنىڭ ئالمىشىشى ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتەن سۆيگۈسىنى سۇسلاشتۇرالمىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي سەنئىتى ۋە ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە تۈرلۈك مەلۇماتلار مەۋجۇت. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسى بويىچە ئالغاندا، بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1999-يىلى، 46 مىڭ، 2012-يىلى، 50 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان. ئەمما، بەزى قىرغىز ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سانىنىڭ 150 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى يېزىشىدۇ.
ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى پوكىروفكا، لېبېدىنوفكا، ئالاتو، چەتكۆل قاتارلىق جايلارغا شۇنىڭدەك قارا بالتا، قاراقول، توقماق، ئوش، قاراسۇ، ئۆزگەند ۋە جالال ئاباد قاتارلىق چوڭ كىچىك شەھەرلىرىگە تارقالغان. بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى ئۇيغۇرلارنىڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان مەركەزلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.