ئەمما، فوربېسقا كىرگەن رۇسىيىلىك بايلارنىڭ ئىچىدە نامەنگانلىق ئالىشىر ئوسمانوف ئىسىملىك بىر ئۆزبەك كىشى بار بولۇپ، ئۇ 7 مىليارد دوللارلىق بايلىقى بىلەن دۇنيادىكى بايلارنىڭ ئىچىدە 100 - ئورۇننى ئىگىلىگەن. فوربېسنىڭ بايلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان بەش نەپەر قازاقىستانلىقنىڭ ئىچىدە ئەلىجان ئىبراھىموف ئىسىملىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇ 3 مىليارد 300 مىليون دوللار بايلىق بىلەن دۇنيا بويىچە 287 - ئورۇننى ئىگىلىگەن باي ئادەم قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەلىجان ئىبراھىموف ئۇدا بىر قانچە يىلدىن بۇيان فوربېسنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بايلىق مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا.
رۇس تىلىدىكى بەزى ئىنتېرنېت تورلىرىدا " ياۋرو - ئاسىيا تەبىئىي بايلىقلار شىركىتى" دەپ ئاتالغان چوڭ شىركەتنىڭ شېرىك خوجايىنى، ياۋرو - ئاسىيا بانكىسىنىڭ پرېزىدېنتى، قازاقىستاننىڭ ئاليۇمىن قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى شۇنىڭدەك نېفىت ئېنېرگىيە سودىسىدىكى گىگانتلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ مىللەت تەركىبىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار بار.
ۋىكىپېدىئا ئېنسكلوپېدىيىسىنىڭ ئەلىجان ئىبراھىموفقا ئائىت مەلۇماتىدىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى يېزىلغان. "كتو ئېست كتو" دەپ ئاتالغان، مەركىزىي ئاسىيادىكى مەشھۇر كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇش تور بېتىدىكى ئەلىجان ئىبراھىموفقا ئائىت مەلۇماتتا " ئۇنىڭ تولۇق ئىسىم فامىلىسىنىڭ ئالىجان راخمانوۋىچ ئىبراگىموف يەنى دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ راخمان، فامىلىسىنىڭ ئىبراھىم، ئۆز ئىسمىنىڭ ئەلىجان، مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر، تۇغۇلغان يېرىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ئوبلاستى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەمما، رۇسىيە ئېلان قىلغان 2007 - يىلىدىكى فوربېس ژۇرنىلىغا كىرگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە بايلارنىڭ تىزىملىكىدە ئەلىجاننىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر ئالىمى ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنى تونۇيدىغان كىشى ئارقىلىق بىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. بىراق، بىز ھازىرچە دۇنيا بويىچە 287 - نومۇرلۇق مەزكۇر باينىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە ئەمەسمىز.
ئەلىجان ئىبراھىموف ئالدىنقى يىلى فوربېس تىزىملىكىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلار تارقالغان. ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان شۇنىڭدەك مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلانغان ئۇيغۇر مىللىتىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى ھەم تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق ئاخىرىدا قازاقىستاندىلا ئەمەس، ھەتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ باي ئادەملەر قاتارىغا كىرگەنلىكى چەتئەللەردىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى ئالىجان ئىبراھىموف ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى كۆپلىگەن ئىجابىي ئىنكاسلاردا ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇيغۇرلارغا ئىپتىخارلىنىش ھەم ئىلھام تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئىپادە قىلىنغان ئىدى.
رۇسچە "لىئۇدى" دەپ ئاتالغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس تور بەتتىكى ئولگا دۇنچىك يازغان ماقالىدە "ئەلىجان ئىبراھىموف قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرى. ئۇ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر بايلىقلىرىنى ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن" دېيىلگەن.
بايلارنىڭ كىملىكى
فوربېس ژۇرنىلىغا كىرگەن قازاقىستاندىكى بەش باينىڭ ئىچىدە 2010 - يىلى، 1 - ئورۇننى ئىگىلىگەن ھەمدە فوربېس ژۇرنىلىدا 247 - نومۇر قىلىپ كۆرسىتىلگەن كىشى ۋلادىمىر كىم بولۇپ، ئۇ كورىيان مىللىتىدىن. ئۇنىڭ بايلىقى 3 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن. فوربېس ژۇرنىلىغا كىرگەن قالغان ئۈچ نەپەر قازاقىستانلىقنىڭ ھەممىسى قازاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرجان سۇبھانبەردىن، تىمۇر قۇلىبايېف ۋە دىنارا قۇلىبايېۋالار فوربېسنىڭ دۇنياۋى بايلىرى تىزىملىكىدە 880 - ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مەزكۇر ئۈچ كىشىنىڭ بايلىقى تەڭ بولۇپ، بىر مىليارد 100 مىليون دوللار ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رەت تەرتىپىمۇ ئوخشاش بولغان.
نۇقتىلىق تەرەپ شۇكى، قازاقىستاندىكى مەزكۇر بەش نەپەر دۇنيا بويىچە ئەڭ باي ئادەملەر تىزىملىكىگە كىرگەن كىشىنىڭ مىللەت، ئىجتىمائىي تەركىبى ئۆزگىچە بولۇپ، مەلۇماتلار بويىچە قازاقىستاندىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نومۇرلۇق بايلار ئەلىجان ئىبراھىموف بىلەن ۋلادىمىر كىم قازاقىستاندىكى ئاز نوپۇسلۇق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر بىلەن كورىيانلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان.
بۇ ئىككى مىللەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن كۆچمەن مىللەت كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلمىگەن. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار تارىختىن بەرى مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغان تۈركىي خەلق، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانغا تارقالغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا جايلاردا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئوخشاش تىل ۋە مەدەنىيەت تۈپەيلىدىن ھازىرقى ئۆزبېكلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن. قىرغىزىستان، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بولسا، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.
كورىيىلىكلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندا، ئۇلار ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا يوق بولۇپ، 1934 - 1937 - يىللىرىدىن كېيىن ستالىن تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۈردە يىراق شەرقتىكى كورىيە ۋە خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلاردىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستانغا كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كورىيانلارنىڭ جەنۇبىي كورىيىنىڭ تۈرلۈك ئېتنىك تۇغقانچىلىق مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكى ۋە ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئەمما، ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - ئىدرىكىگە تايىنىشتىن باشقا ئامال يوق ئىكەنلىكى دائىم ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئېيتىدىغان سۆز. ئەلىجان ئىبراھىموف بەلكى ئەنە شۇ خىلدىكى مۇستەقىل تىرىشچانلىق ۋە ئەقىل - ئىدرەكنىڭ مەسئۇلى بولسا كېرەك. قازاقىستاندىكى كورىيان مىللىتىدىن بولغان بىرىنچى باي ۋلادىمىر كىمنىڭ تەرجىمھالىدا يېزىلىشىچە، ئۇ "قازاقمىس" شىركىتىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن زىچ ئالاقىگە ئىگە.
قازاقىستاندىكى ئىككى ئاز سانلىق مىللەتتىن كېلىپ چىققان بايلاردىن باشقا، تىمۇر قۇلىبايېف بىلەن دىنارا قۇلىبايېۋا بىر ئائىلە، يەنى ئەر - ئايال بولۇپ، دىنارا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئوتتۇرانچى قىزى، تىمۇر قۇلىبايېف بولسا، دىنارانىڭ ئېرى، يەنى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ كۈيئوغلى. يەنە بىر نەپەر قازاق، نۇرجان سۇبھانبەردىن ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى سالقىن سۇنخابەردىنىڭ ئوغلى.
دىنارا قۇلىبايېۋا بىلەن تىمۇر قۇلىبايېفنىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇشى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ فوربېس بايلار تىزىملىكىگە كىرىشى قازاقىستانلىقلار ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئۇدا بىر قانچە يىل مەزكۇر ئورۇننى ساقلاپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ ئەكسىچە نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئېرى راھەت ئالىيېف بولسا، قازاقىستاندىن ياۋروپاغا قېچىپ كېتىپ، سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرى پرېزىدېنت نازاربايېف ئائىلە - تاۋىئاباتلىرى ھەم كۈيئوغۇللىرى ئارىسىدىكى مۇرەككەپلىكلەرنى كۆپ يېزىشقان ئىدى.
قازاقىستانلىق ئىقتىسادىي ئانالىزچى مارىيا دىسېنوۋانىڭ مەزكۇر قازاقىستانلىق بايلار ھەققىدىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان بايلار قازاقىستاننىڭ بانكا، ئېنېرگىيە، يەر ئاستى بايلىقلىرى قاتارلىق ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ساھەسىنى ماناپول قىلغان. ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ شىركىتى قازاقىستاندىن ھالقىپ، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئافرىقىنىڭ بەزى جايلىرىدىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش دائىرىسىگە كېڭەيگەن.
ئەلىجان ئىبراھىموف ئۆزىنى دېموكرات دەپ ئاتىغان
" لىئۇدى" دەپ ئاتالغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس تور بەتتىكى ئولگا دۇنچىك يازغان ماقالىدە ، ئەلىجان ئىبراھىموفنىڭ پەقەت پۇل تاپقان باي ۋە تىجارەت ئادىمىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى دېموكرات دەپ ئاتايدىغان، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان زات ئىكەنلىكى يېزىلغان. ئۇنىڭ شىركىتى 2007 - يىلى خەلقئارالىق ئىسلام دىنى، يەھۇدىي دىنى، خرىستىيان دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ ئىتتىپاقلىق مەسىلىلىرىگە ئائىت مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئۇ يەنە بىر قانچە بالىلار فوندىغا ياردەم قىلغان، ئادەملەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىشتەك خەير - ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ " ئەگەر سېنىڭدە بايلىق بار بولسا ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىل، ئەگەر بايلىق بار تۇرۇغلۇق ئۇنداق قىلمىساڭ، بۇ بىر گۇناھ " دەپ قارايدىكەن.
ئۇ ئۆزى پۇقرا بولغان قازاقىستاننى يۇقىرى دەرىجىدە قەدىرلەيدىكەن. ئەلىجان ئىباراھىموف ئەسلىدە ئۈچ شېرىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزبەك مىللىتىدىن بولغان فاتتاھ شادىيېف، رۇس مىللىتىدىن بولغان ئالېكساندىر ماشكېۋىچ ئىسىملىك ئىككى شېرىكى بار. بۇ ئۈچ كىشى بىرلىكتە بىر شىركەتنى قۇرغان ھەم تەڭ باي بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلىجان ئىبراھىموف قازاقىستان پۇقراسى بولسىمۇ، قالغانلىرى ياۋروپا تەۋەسىگە ئۆتكەن.
فوربېسنىڭ تىزىملىكىگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە بايلار قاتارىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 80 - 90 - يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن سودىسىنى ماناپول قىلغان خىتاي باي سۇن گۇاڭشىنمۇ بار ئىكەن. ئەمما، ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىن بىرەر ئۇيغۇر فوربېستنىڭ تىزىملىككە كىرەلمىگەن. ئەلىجان ئىبراھىموف ئۇدا بىر قانچە يىلدىن بۇيان فوربېس تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۇ قازاقىستان بويىچە 1 - ئورۇننى ئىگىلىگەن، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى بويىچە 22 - ئورۇننى ئىگىلىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
