يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتچىلىرى، دوكتور، پروفېسسورلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى، يىغىندا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى پروفېسسور تۇران يازغان ئەپەندى ئېچىلىش نوتىنى سۆزلىدى. يىغىندا تۈركىيە مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ. بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مېتىن قارائۆرس ئەپەندى، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر شائىرى ۋە دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ھايات ئىش ئىزلىرى، ئەلىشىر ناۋايى دەۋرىدىكى تۈرك تارىخى شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى تۈرك تىلى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.
يىغىندا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى پروفېسسور تۇران يازغان ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
بۈگۈنكى تېما بىزنىڭ تارىخىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، ئەلىشىر ناۋايىنى ۋە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ دەۋرىنىڭ تارىخىنى خاتىرىلەش بىلەن، بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ تۈركلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان دەۋرلەر 1500 ۋە 1500 يىللاردا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تۈركلەرنىڭ دۆلىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزلەرگە توسالغۇ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرمەنلەرگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنى كۆزىمىزگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئەرمەنلەرگە ئىشغال قىلدۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار كۆزىمىزگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ نە ئاۋازىمىز نە نىدامىز چىقمىدى. بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتسا بىزنىڭ تۈرك پەرزەنتلىرىمىز بۇلاردىن خەۋەرسىز قالدى، خەۋەر تاپقانلار بولسا بۇ نېمە ئۈچۈن دەپ سوئال سوراش كۈچىگە ئىگە ئەمەس. ئۇ چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس، ئۇ چۈشەنچىدىن مەھرۇم ھالدا يېتىشتۈرۈلدى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بۇ مۇنبەرنى، بۇ خىل مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قوللىنىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بۈگۈنكى كۈندە بۇ سەۋەبتىن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولغان بىزنىڭ جان-جىگەر قېرىنداشلىرىمىز، تۈركچىنىڭ ۋە تۈرك تارىخىنىڭ ھارماس جەڭچىلىرى، ھارماس قاراۋۇللىرى، ھارماس مۇجاھىدلىرى، ھارماس ئالىملىرىغا تۈرك دۇنياسى نامىدا تەشەككۈر ئېيتىمەن.

بۈگۈنكى تېما بىزنىڭ تارىخىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، ئۇدەۋردىكى تۈرك تارىخىنى خاتىرىلەشتە پايدا بار، ئۇ دەۋرنىڭ تۈرك تىلى شەرقىي تۈرك تىلىنىڭ كەڭ تارقىلىشى ئەڭ مۇھىم بولغان، چۈنكى ئۇ كەڭ تارقىلىش تىل بىرلىكى دېمەكتۇر، بۈگۈن مەھرۇم بولغان ۋە قەستەن بىر شەكىلدە قولىمىزدىن تارتىۋېلىنغان تىل بىرلىكىنى يېڭىدىن قۇرۇش ئۈچۈن 1990-يىلدىن ئېتىبارەن ئۇرۇش مەيدانىغا كىردۇق. بۈگۈنكى كۈندە 30 كىرىل يېزىقى ۋە 8 لاتىن يېزىقى بار تۈرك تىلىدا، شۇ سەۋەبتىن تىل بىرلىكى پۇرسىتىمىز يوق قىلىندى. رۇسلار بۇنى بىلىپ قەستەن شۇنداق قىلدى. ھەر بىر تۈرك خەلقىگە ئايرىم-ئايرىم تىل-يېزىق بېرىش بىلەن بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىشنى چەكلىدى. بىر-بىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشقا چەكلىمە قويدى.
دۇنيادا ھېچقانداق بىر تىلنىڭ ئىككى خىل يېزىقى بولمايدۇ، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن 500 مىليون ئىنسان سۆزلىشىدىغان ۋە 250 مىليون ئىنساننىڭ ئانا تىلى بولغان تۈرك تىلى ۋە تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمى دەۋردىن بۈگۈنگىچە كەلگەن تۈرك تىلى بۈگۈن 38 خىل ھەرپ بىلەن ئوقۇلۇپ يېزىلىدۇ. بۇ پۈتۈنلۈككە بېقىش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم، مىللىتىمىزگىمۇ پۈتۈنلىشىش جەھەتتە بېقىش كېرەك. بۇ جەھەتتە بەك كۆپ زەربىگە ئۇچرىدۇق. ئۆزبېك، تۈركمەن، قىرغىز، قازاق دەپ، غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەپ ئىككى پارچىغا ئايرىدى. سبىرىيىدە قالغان تۈركلەرنى بۆلۈپ پارچىلاپ نوپۇسلىرى يوق قىلىندى..
يىغىندا تۈركىيە مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ ئەلىشىر ناۋايى ۋە ئۇنىڭ دەۋردىكى تۈرك تارىخى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەلىشىر ناۋايىنى بىرلىكتە خاتىرىلەۋاتىمىز، ئەلىشىر ناۋايى 1441-يىلىدىن 1501-يىل ئارىسىدا ياشىدى. بۇ دەۋردە تۆمۈرلەر دەۋرى ئىدى، يەنى تۆمۈرلەر سىياسىي ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بىر دەۋر ئىدى. بۇ دەۋردىكى ناۋايى تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ چاغاتاي تىلىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى كۆرسىتىش ۋە ھەم تىلدا ۋە تارىختا مىللىي تۇيغۇلىرىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە شېئىرلار يازغان ۋە ناۋاينىڭ مىللىي تۇيغۇلىرى ئۇ دەۋردىكى سىياسىي تارىخنى تەسىرگە ئۇچراتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ناۋايىنىڭ تەسىرىنى ئاناتولىيىدىكى يازغۇچى، شائىرلىرىمىزدىمۇ ئۇچرىتىمىز.
تۈركىستان ۋە تۈركىيە دېگەن ئاتالغۇ بىزنىڭ ئۆزىمىز ياساپ چىققان بىر ئىسىم ئەمەس، بىزانس ۋە سلام مەنبە تارىخلىرىدىكى خەرىتىلەردە داۋاملىق تۈركىيە ۋە تۈركىستان دېگەن ئىسىملارنى ئۇچرىتىمىز. زاماننىڭ ئۆتىشى ۋە دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ ئاتالغۇلار شەرقتىن غەربكە قاراپ ئورۇن ئالماشتۇردى.تۈركىيە ئۇلۇغ تۈركىستان يەنى تۈركلەر ياشايدىغان رايون دېگەن مىنانى ئىپادىلەپ كەلدى. بۇلارنى بىز ياساپ چىقمىدۇق. ئۇنى تارىخچىلار يازدى.
مەن بىر تارىخچى بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇنى مىسال قىلىمەن، تارىختا خىتايلىق ياكى خىتاي مىللىتى دەپ ئاتالغان بىر مىللەت يوق. ئۇلار بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ئىنسانلاردىن تەركىب تاپقان خەلق. خىتايلار ئۆزلىرىنى جۇڭگو-ئوتتۇرا مەملىكەت يەنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ ئاتايدۇ، ئۇلارنىڭ پەلسەپىلىرىدە، بىز دۇنيانىڭ مەركىزى، دۇنيانى بىز ئىدارە قىلىمىز دەپ قارايدۇ. خىتايلار ئۆزلىرىنى جۇڭگو رېن يەنى ئوتتۇرا مەملىكەت ئادىمى، ئىنسانى يەنى پۇقراسى دەپ ئاتايدۇ، ئۇلارنىڭ مىللەت بولۇپ تەشكىللىنىشى غەربنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولغان، خىتايچىنى تەرجىمە قىلغان ھامان ئۇلار ئوتتۇرا مەملىكەت پۇقراسى دېگەن مىنانى ئىپادىلەيدۇ.
گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغاندەك، مەن بىر ئۇيغۇر تارىخى مۇتەخەسسىسى، شۇ سەۋەبتىن بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى بەك ياخشى بىلىمەن. شەرقىي تۈركىستان دېگەن رايونغا خىتايلار شىنجاڭ دېگەن ئىسىمنى قويدى، خىتايلار تۈركىيە قاتارلىق پۈتكۈل دۆلەتلەرگە شەرقىي تۈركىستاننى ئۇ ئىسىم بىلەن ئاتاشقا بېسىم قىلىۋاتىدۇ، ئەڭ دىققەت قىلىدىغان بولساق، شىنجاڭ دېگەن سۆز يېڭى ئۆلكە، يېڭىدىن ئىشغال قىلىنغان رايون دېگەن مىنانى ئىپادىلەيدۇ، شەرقىي تۈركىستانغا بارغان زامان ئۇ يەردىكى ۋىۋىسكا -تاختىلاردا ھەم خىتايچە ھەم ئۇيغۇر يېزىقىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ يېزىلىدۇ، ئەمما مەن بۇ يەردە ئەركىن بىر شەكىلدە شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىساممۇ، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز رەسمىي يېزىقلاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ يازىدۇ، ئەمما مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ يازىمەن. شىنجاڭ سۆزىنى قوللانمايمەن. ئۇلار سىياسەت ئىشلەتسە، بىزمۇ سىياسىي مۇئامىلە قىلىمىز. مېنىڭ بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى، ئەلىشىر ناۋايى ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ توختالدىم.
يىغىندا يەنە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مېتىن قارائۆرس ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
ئەلىشىر ناۋايى 1441-يىلى تۇغۇلغان ۋە 1501-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ھىراتتا ۋاپات بولغان. ئەلىشىر ناۋايى 60 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، غەربىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئافغانىستان رايونىدا ياشىغان، 15-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا دەۋرىدە ھىرات سۇلتانلىقىدا ياشىغان، 60 يىللىق بىر ئۆمۈر نورمال، ئەمما بىر ئاز قىسقا، ئەمما بۈيۈك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بىر ئۆمۈر. تۈرك تىل ئەدەبىياتىدا، بىر فۇزۇلى تۈرك ئەدەبىياتى بار، بىر ناۋايى تۈرك ئەدەبىياتى بار، 14-ۋە 15-ئەسىر تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتتا ئالتۇن دەۋرى ئىدى. ناۋايى يېتىشكەن دەۋردە ھىرات ۋە سەمەرقەنت ئىلىم-مەرىپەت مەركىزى ئىدى. ناۋايى مۇشۇنداق بىر مەرىپەت بۆشۈكىدە يېتىشتى. ناۋايى ئۇ دەۋرنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىرگە يېتىشكەن ۋە ئەرەب ۋە پارس تىلىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن. تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى شېئىر تەزكىرىسىنى يازغان ئەلىشىر ناۋايىدۇر. ئۇنىڭ تارىخ، تەسەۋۋۇپ ۋە شەرىئەتكە ئالاقىدار ئەسەرلىرى مەۋجۇت. ئەلىشىر ناۋايى بۈيۈك بىر دۆلەت ئەربابى ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلىك بىر ئىنسان. ئەلىشىر ناۋايى شەرقىي تۈركىستان تۈركچىسىنىڭ بۈيۈك شائىرى. ناۋايى تۈرك تىل-ئەدەبىياتنى تەكەممۇل ئېتىش ئۈچۈن چوڭ بىر تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. مەھمۇت قەشقىرى ئەرەب تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان تۈرك تىلىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىي تىللار دىۋانىنى يېزىپ تۈرك تىلىنى ئەرەبلەرگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يازدى. ئەلىشىر ناۋايى تۈرك تىل-ئەدەبىياتىنى فارس تىلىنىڭ تەسىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈرك تىلىدا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. تۈرك تىلىنى فارس تىلىنىڭ تەسىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن شېئىر يېزىشتىن ۋاز كېچىپ تىلشۇناسلىق ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە تۈرك تارىخىنىڭ نادىر ئەسىرى مۇھاكىمەتۇل لوغەتەين دېگەن مەشھۇر كىتابنى يازغان.
مەشھۇر شائىرنىڭ تۈركچە ۋە پارسچە دىۋانلىرى، قىرىق ھەدىس ۋە مۇھاكىمەتۇل لوغەتەين قاتارلىقلاردىن سىرت، مەسنەۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 پارچىغا يېقىن ئەسىرى بارلىقى مەلۇم. بۇ يىل يەنى 2011-يىلى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570-يىلى ھېسابلىنىدۇ.يىغىندا، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق ئابىدىسى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.