ئىستانبۇل فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈرك شېۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىنغا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، ئىران، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ھەم رايونلىرىدىن كەلگەن كۆپ ساندا يازغۇچى-شائىرلار، تەتقىقاتچىلار ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، لەنجۇ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئوسمان جۈمە ئەپەندى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نۇرگۈل تۇرسۇن خانىم قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە يىغىندا ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى، تۈركىيىنىڭ تىكا يەنى (تۈرك ھەمكارلىق ئىدارىسى)، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلار ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن.
بۇ يىغىن 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ خادىمكۆي رايونىغا جايلاشقان فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا باشلاندى. ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىدا، فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور يۈسۈپ چېتىنداغ ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«ئەلىشىر ناۋايى بىزنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە تۈركىيە-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ ھەم تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان، بىرلەشتۈرىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر شەخس.»
يىغىندا يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش سېكرېتارى پروفېسسور مۇستافا ئىسەنلى سۆز قىلىپ، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ پەقەت شائىر بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىر دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تۈرك دۇنياسىدا تەسىرلىك بىر ئىسىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن مۇستافا ئىسەن ئەپەندى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈرك دۇنياسىنى يېڭىدىن ئۇيۇلتاشتەك بىر يەرگە جەم قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان شەخسلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
مۇستافا ئىسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، شائىر ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئافغانىستاندىكى قەبرىسىنى قايتىدىن ياساش توغرىسىدا ئۇزۇن زاماندىن بۇيان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن سۆزلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە ھېچ قانداق مەسىلە يوقلۇقىنى، ئەمما ئۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئەلىشىر ناۋايىنىڭ قەبرىسىنىڭ قايتىدىن ياسىلىشى كېچىكىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياساپ چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا يەنە تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى نىھات زەيبەكچى ئەپەندى سۆز قىلىپ، «تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق يېزىق ھەرپلىرى تۈزۈپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا سۆزلىشىشتە تېخىمۇ قۇلاي چۈشىنىش ھاسىل قىلىمىز، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭمۇ ئورتاق سۆزلىشىدىغان بىر تىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىمىز»، دېدى.
يىغىندا يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئابرور گۇليامۇف سۆز قىلىپ، ئەلىشىر ناۋايى توغرىسىدا يىغىن ئېچىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئابرور گۇليامۇف سۆزىدە، پۇشكىننىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە 21 مىڭ تەكرارلانمىغان سۆز ئىشلەتكەنلىكىنى، شېكسپېر ئۆز ئەسەرلىرىدە بولسا 20 مىڭ سۆز ئىشلەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ 18 مىڭىنىڭ تەكرارلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ پۈتكۈل ئەسەرلىرىدە 1 مىليون 328 مىڭ سۆز قوللانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 26 مىڭ سۆزنىڭ تەكرارلانمىغان سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمى ئىككى زالدا ئوخشاش ۋاقىتتا باشلاندى. يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، ئاكادېمىكلار، يازغۇچى-شائىرلار ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى سۆز قىلدى. يىغىندا لەنجۇ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن دوكتور ئوسمان جۈمە ئەپەندى، «خىتايدا ئەلىشىر ناۋايى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار» دېگەن تېمىدا، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نۇرگۈل تۇرسۇن، «ئەلىشىر ناۋايى ۋە ئۇيغۇر 12 مۇقامى» دېگەن تېمىدا تەييارلاپ كەلگەن ئىلمىي ماقاللىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. دوكتور ئوسمان جۈمە سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلىشىر ناۋايىنىڭ كىتابلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور نۇرگۈل تۇرسۇن سۆزىدە، ب د ت پەن-مائارىپ تەرىپىدىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 12 مۇقام، ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ھەتتا 12 مۇقامنىڭ بىرى بولغان ناۋا مۇقامىنىڭ پۈتكۈل شېئىرلىرىنىڭ ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شېئىرلىرى ئىكەنلىكىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ناۋايىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ ناۋا مۇقامى دېيىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ناۋا مۇقامدىن ئارىيە كۆرسىتىپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
يىغىندا يەنە ئۆزبېكىستانلىق تەتقىقاتچى ئىبراھىم ھەققۇل «مۇستەقىللىقتىن كېيىن ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىگە يېڭىدىن باھا بېرىش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ناۋايىشۇناسلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئەلىشىر ناۋايىنى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس ئورگان بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەپ، گىئوتى، پۇشكىن، شېكىسپىرگە ئوخشاش شەخسلەرنى تەتقىق قىلغاندەك ئەلىشىر ناۋايىنى تەتقىق قىلىش كېرەكلىكىنى، ئۇ شەخسلەرنى تەتقىق قىلغاندەك ئەلىشىر ناۋايى تېخى تەتقىق قىلىنمىغانلىقىنى، ناۋايىنىڭ ئۇ شەخسلەردىن ئارتۇقچىلىقى كۆپ ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ناۋايىشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر ساھە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىننىڭ رىياسەتچىسى بولغان پروفېسسور كامال ئەرئارسلان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. كامال ئەرئارسلان ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ئەلىشىر ناۋايىنىڭ تونۇتۇش، خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىتىش، ئەلىشىر ناۋايىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ياشلارغا، بولۇپ ئەلىشىر ناۋايى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا مەيلى ئەلىشىر ناۋايى بولسۇن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا شەخسلەر بولسۇن ئۇلارنى تونۇشتۇرۇش، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت، تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىتىش، بۇ يىغىن تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئەھمىيىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئىنسانىيەت ئۈچۈن بۈيۈك خىزمەتلەرنى قىلغان بۇ خىل ئىنسانلارنى خاتىرىلەش ئىنسانىي مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ.»
ئەلىشىر ناۋايىنىڭ مىللىتى توغرىسىدا ئۆزبېك، قازاق دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ئوخشىمىغان قاراشلار بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ تارىخى پاكىتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
بۇ يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۆزبېك پولۇسى ۋە ئات گۆشى بىلەن زىياپەت بېرىلدى. يىغىن 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈش ۋاقتى بىلەن ئاخىرلاشتى.