ئەمەت قاسىم 2000-يىلى 32 خالتا بۇغدىيىنى ئېتىزدىن شەھەرگە ئەپكېتىۋاتقاندا، ئاقسۇ شەھەرلىك بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ئۇنى ھايانكەشلىك بىلەن ئەيىبلەپ، مەھسۇلاتى بىلەن بىرلىكتە ئىجارىگە ئالغان يۈك ئاپتوموبىلىنىمۇ تارتىۋالغان. ئەمەت قاسىم مال-مۈلكىنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىنغانلىقى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان. داۋا سوزۇلۇپ 9 يىل ئىچىدە جەمئىي 7 قېتىم سوت ئېچىلغان. دەسلەپكى بەش قېتىملىق سوتتا، ئەمەت قاسىمنىڭ داۋاسى رەت قىلىنغان؛ كېيىنكى قېتىملىق سوتتا، سوت ئەمەت قاسىمنىڭ داۋاسىنى توغرا دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئاقسۇ شەھەرلىك بازار باشقۇرۇشنى 110 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ، ھۆكۈم ئاقمىغان. بۇنىڭ بىلەن ئەمەت قاسىم قانۇن ئورگانلىرىغا داۋا قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، مەمۇرى ئورگانلارغا داۋا ئېچىشقا باشلىغان. ئۇ بېيجىڭغا 10 قېتىمغا يېقىن بارغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن 5 قېتىم تۇتۇپ كېلىنىپ، بۇ قېتىم مېھمانخانىغا قامالغان.
ئەمەت قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى سەلتەنەت مېھمانخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقىنىغا 16 كۈن بولدى. تۈنۈگۈن 10 نەچچە كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، 200 مىڭ يۈەن تۆلەمگە رازى بولۇشنى ئېيتقان. ئەمەت قاسىم بۇنى رەت قىلغان. چۈنكى ئۇ ئىجارىگە ئالغان ئاپتوموبىل 5 يىلدىن ئارتۇق قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئاپتوموبىل ئىگىسىگە تۆلەم بېرىشى كېرەك؛ ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 200 مىڭ يۈەن پۇل بۇ تۆلەمگە بويلىمايدۇ. ئۇ يەنە 12 يىلدىن بېرى داۋا ئىشلىرى بىلەن كۆپ مىقداردا ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان. شۇڭا بۇ پۇل بۇ زىياننىمۇ قاپلىمايدۇ.
ئەمەت قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2007-يىلى سوتنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، ئاقسۇ شەھەرلىك مال باھا ئىدارىسى ئۇنىڭ تارتقان زىيانلىرىنى ھېسابلاپ چىققان، ھېسابتا ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنغان ئاپتوموبىلنىڭ بىر يىللىق ئىجارە تۆلەم پۇلىلا 105 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن ۋە سوت 2007-يىلىدىكى ھۆكۈمىدە ئەمەت قاسىمغا 700 نەچچە مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىلىشنى بۇيرۇغان؛ ئەمما بۇ ھۆكۈممۇ ئىجرا تاپالمىغان. ئەمەت قاسىم شۇ يىلى بىر ئادۋوكات بىلەن كېلىشكەن؛ ئادۋوكات ئۆزىنىڭ تېكەستىكى بىر خىتاي دەۋاگەرگە ئاپتوموبىلىنى بىر يىل ھەقسىز ئىشلىتىۋالغان ئۇيغۇر جاۋابكاردىن بىر يىللىق زىيىنى ئۈچۈن 900 نەچچە مىڭ يۈەن تۆلەم ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ئەمەت قاسىمغىمۇ شۇ بويىچە تۆلەم ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە بېرىپ سوتقا كىرگەن. سوتتا ئادۋوكات مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن چەتكە تارتىلىپ قۇلىقىغا پىچىرلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئادۋوكاتلىقتىن ۋاز كەچكەن. شۇڭا ئەمەت قاسىم بۈگۈن قانۇننىڭ ئالدىدا ھەممە كىشى، ھەممە مىللەتنىڭ باراۋەر بولالمايۋاتقانلىقىنى ئەرز مەزمۇنىنىڭ مۇھىم قىسمىغا كىرگۈزگەن.
ئەمەت قاسىم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مېھمانخانا، ئاقسۇ شەھەر ئىگەرچى بازىرىدىكى سەلتەنەت مېھمانخانىسى، مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ مېھمانخانىدا، مەسىلىسى ھەل بولغۇچە يەنى يەنە 15-20 كۈن ئەتراپىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقچى. ئەگەر ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىسە، ئەمەت قاسىم قاماقخانىغا ئاپىرىلامدۇ ياكى ئائىلىسىگە قويۇۋېتىلەمدۇ؛ ئەگەر ئۇ داۋاملىق بېيجىڭغا ئەرز ئۈچۈن مېڭىپ قالسا تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ مانا بۇ، ئەمەت قاسىمنىڭ داۋا ھاياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى جىددىي ۋە سەزگۈر قىسىملىرى.