خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى يەنە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە پەقەت كۇچا ناھىيىسىدىنلا خىتاي ئۆلكىسىگە بېرىپ ئىشلىگەن ئەمگەكچى سانىنىڭ 10 مىڭ 67 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت، توقۇنۇش ۋە ئىتتىپاقسىزلىقلارنىڭ ئالاھىدە دەرىجىدە كۈچىيىپ كېتىشىگە تۈپ سەۋەب بولۇۋاتقان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا سېلىش سىياسىتى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشماقتا.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلىتىشى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلىۋاتقان خەلقئارا ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە جىددىي بىر بۇرۇلۇش ياسىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە يەنە ئۇيغۇر ۋە خىتاي زىيالىيلىرىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە نيۇيوركتا چىقىدىغان بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.