خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىكى يەرلىك دائىرىلەر، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 2004-يىلى رەسمىي باشلىغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسمى مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى 18 «ياشتىن 25 ياشقىچە بولۇش، توي قىلمىغان بولۇش» دېگەندەك شەرتلەرنى ۋە يەنە بەزى جايلاردا قوشۇمچە، قىزلارغا ساغلام بولۇش چىرايلىق بولۇش دېگەندەك شەرتلەرنىمۇ قويۇپ تاللاپ مەجبۇرىي يۆتكىگەن ئىدى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن قىزلار ئۇچرىغان تۈرلۈك خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىكلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ سىياسەت تەبىئىي ھالدا توسالغۇغا ئۇچرىدى، بۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان «ھەر ئائىلىدىن بىرىنى يۆتكەش» قاتارلىق سىياسەتلەرنى قوللاندى، خىتاي ئۆلكىلەرگە مېڭىشنى خالىمىغانلار، پەرزەنتلىرىنى ئەۋەتىشنى خالىمىغانلار بولسا تۈرلۈك جازا ۋە تەقىبلەشكە ئۇچرىدى. 2009-يىلىغا كەلگەندە 26-ئىيۇن شياۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېغىر مىللىي كەمسىتىش، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ئاشكارا كۆرسىتىپ بەردى، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ھەممە شاھىت بولغاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى 5-ئىيۇن نارازىلىق ھەرىكىتىگە سەۋەب بولدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتىنى بۇرۇنقىدەك ئوچۇق-ئاشكارا، مەجبۇرىي ھالدا ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ ئەمما، بۇ سىياسەت يەنىلا داۋام قىلماقتا، ھەتتا كۈچەيتىلمەكتە، 12-بەش يىللىق پىلان جەريانىدا يەنە 11 مىليون ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى شۇنداقلا بۇندىن ئېتىبارەن يۆتكىلىدىغان ئەمگەك كۈچلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلاننىڭ ئىشقا ئېشىشىدا تەشۋىقاتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ سىياسەتكە، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاكتىپ ماسلاشقان بىر قىسىم ياشلار، ئاتا-ئانىلار ۋە بۇنىڭغا مەسئۇل كادىرلاردىن تەركىب تاپقان لېكسىيە سۆزلەش ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، يېزا، بازارلاردا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنىڭ ئەھمىيىتى، كۆپ پۇل تاپقاندىن باشقا كۆزى ئېچىلىدىغانلىقىدەك تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن. بۇ خىل تەشۋىقاتقا «كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن» تىپلار دەپ نام بېرىلگەن. ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشتىكى بۇ ئاكتىپلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تېلېۋىزور، رادىئو ۋە گېزىت، ژۇرناللاردا كەڭرى تەشۋىق قىلىپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش سىياسىتىنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە ئاساس سالماقتا ئىكەن.
ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈزمە يېزىسى 5-كەنتىدىكى رەيھانگۈل ئېمىر 2007-يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى جېجياڭغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە ئەنە شۇ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا ئۇ «پارتىيىنىڭ دانا سىياسىتىنىڭ يېتەكلىشىدە بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتىم، ھازىر شەھەر قىزلىرىدىن قېلىشمايدىغان ھالەتكە كەلدۇق، مەدىنى شەھەرگە كېلىپ، مەدەنىي كىيىنىپ مەدەنىيەتلىك سۆزلەيدىغان بولدۇق» دەپ تەشۋىق قىلماقتا.
مەزكۇر تەشۋىقاتلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتۈن ئاخبارات ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئاتۇشتىكى بىر كىشى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىدىن ياخشى خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ راۋان يۈرۈشۈشى ئۈچۈن تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەندىن باشقا، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ كۇرسقا قاتناشقانلارغا 100 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە 10 خىل ئۆلچەمدە تەربىيىلەش كۇرسى تولۇقلىما سوممىسى تارقىتىشنىمۇ يولغا قويغان، بۇنى پۈتۈن ناھىيىدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان، كەسپىي تەربىيىلىنىشتىن كېيىن ئىككى يىل ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەشكە توختاملاشقانلارغا قاراتقان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر يېزا كادىرى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدىدىكى، كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەشنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانداقلا تەشۋىق قىلسۇن، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، ئەكسىچە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىن تىل ۋە مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا يات يۇرتلارغا سىياسەت بويىچە يۆتكىلىشىنى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دەپ قارايدۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى شۇنداقلا بەزى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ تەنقىدلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ سىياسەتنى توختىتىشقا چاقىرماقتا.